خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرى كېڭەيمەكتە

1‏ - ئاۋغۇست كۈنى "ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتسادىي نوپۇزىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.02

 دانىيال ئالەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ۋە ئىقتسادىي كۈچىنى كۈنسېرى كېڭەيمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن دانىيال ئالەن ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. " قىرغىزىستانغا خىتاي تاۋارلىرىنىڭ كىرىشى بىلەن بىرلىكتە خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان بولۇپ، رەسمىي ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن 15 يىل ئىچىدە قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشقان خىتايلارنىڭ سانى 100 مىڭ كىشىدىن ئاشقان".

دانىيال ئالەننىڭ ماقالىسىدا بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستانغا ئورۇنلاشقان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى قىرغىزلار بىلەن ئويلىنىش ئارقىلىق ئاللىقاچان قىرغىزىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ، ئوي ۋە يەر ئىگىسى بولۇپ بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ نۆۋەتتە، خىتاي پۇلى يۈەننى قىرغىزىستاندىمۇ ئۆتىدىغان بىر پۇلغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، دانىيال ئالەننىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشەببۇسىدا غەلىبە قىلسا، بۇ ھەم خىتاي پۇلىنىڭ ھەمدە خىتايلارنىڭ قىرغىزىستانغا ئېقىپ كىرىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋېتىدىكەن.

خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نوپۇزىنىڭ ھەم موسكۋا ھەم ۋاشىنگتوننى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دانيال ئالەن، شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ بەزى تەدبىرلەر ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋە ھازىرقى باش مىنىستىرى ۋىلادىمىير پۇتىن، يېقىندا قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتى گاز پرومنىڭ قىرغىزىستاندا يېڭى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى ئىزدەش ئۈچۈن 300 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.