خىتاي دائىرىلىرى 3 ھەپتىدىن بېرى پىچاندا يۈز بەرگەن 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي ئىشچى تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلمەكتە. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ۋەقەنى نەق مەيداندىن كۆرگەن ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ، ۋەقەنى جىمجىت بېسىقتۇرۇۋېتىشكە ھەسسە قوشقان ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجىنى زىيارەت قىلدى. پىچان ناھىيىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئابدۇللا نۇراجى، ئۆزىنىڭ خىتايغا كۆرسەتكەن خىزمىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە 7 ياشلىق بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش، يەرلىكىدە قويۇلۇش ۋە ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ياشلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانلىرىنى پاش قىلدى.
ئابدۇللا نۇراجىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئۇ يېزىلىق پارتكوم رەھبەرلىرىنىڭ خەۋەرلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن شۇ كۈنى يەنى 21-مارت كۈنى سائەت 4 تە نەق مەيدانغا-بالا ئۆلتۈرۈلگەن خۇمدانغا يېتىپ بارغان؛ بارغىنىدا ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆي ۋە ئەتراپىنى قورشاپ بولغان بولۇپ، نەق مەيداننى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ شۇ مەيداندا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئىش چىقىرىپ قويۇشتىن توسۇشقا ۋەزىپەلەندۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ نەق مەيداندىن ئۇقۇشىچە، ئۆلگۈچى ئەنقەرجان ئارىز سائەت ئىككى ئەتراپىدا ئىككى دوستى بىلەن ئويناۋاتقاندا، قاتىل ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ «كەل ئەنقەر مەن ساڭا كەمپۈت بېرىمەن» دەپ خىتايچە چاقىرغان ۋە بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆيىگە ئەكىرىپلا باش ۋە قوللىرىنى چانىغان. ئەنقەرجاننىڭ ئەھۋالىنى دېرىزىدىن كۆرگەن ئىككى دوستى دەرھال قېچىپ ئەھۋالنى دادىسى ئىسمائىل نىيازغا ئېيتقان. ئىسمائىل نىياز ئەنقەرجاننىڭ ئانىسىنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇ نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ كەلگەن ۋە بالىنى چانالغان ۋە قاتىلنى قولىدا چەيدو تۇتقان ھالەتتە كۆرگەن. ئۇ «ھەي كاپىر، سەن بالىنى نېمە قىلدىڭ؟» دەپ ئېتىلغىنىدا، ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئۆلتۈردۈم» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىسمائىل قولىدىكى گۈرجەك بىلەن قاتىلنىڭ بېلىگە ئۇرغىنىدا ئۇ قاچقان، ئىسمائىل ئارقىسىدىن قوغلىغان. قاتىل شۇ ئارىلىقتا ساقچىغا تېلېفون قىلىپ جىنايىتىنى مەلۇم قىلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ كېلىپ قاتىلنى تۇتۇپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن قوغداپ قالغان.
ئابدۇللا نۇراجىنىڭ بايان قىلىشىچە، بالىنىڭ ئۆلۈمى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەر جەسەتنى ئائىلىسىگە دەرھال كۆرسەتمىگەن. قانۇن دوختۇرلىرى جەسەتنىڭ چانالغان بېشىنى تىكىپ قۇراشتۇرغاندىن كېيىن، ئائىلىسىگە كېچە سائەت 9 ئەتراپىدا تاپشۇرغان. جەسەتنى كۆرگەن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆزىنى تۇتالمىغان. ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىدىن كېرەم ئەيسا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، «ھەممە چىقىمنى مەن كۆتۈرىمەن، ھەممە ئاقىۋەتكە مەن ئىگە، جەسەتنى ئۈرۈمچىگە ئەكىرىمىز، دۇڭبازار ۋە يىشۆيەننىڭ ئالدىدا ئايلىنىپ نامايىش قىلىمىز. بۇ ئەھۋالنى ئەل جامائەت ئۇقسۇن، شۇ چاغدا بۇنى سورايدىغان ئادەم چىقىدۇ» دېگەن. كۆپچىلىك بۇ تەكلىپكە بىردەك قېتىلغان. بۇ چاغدا ئابدۇللا نۇراجى ئۇلارنى توسقان. جامائەت ئابدۇللا نۇراجىنى ئۆيدىن قوغلىغان؛ ئۇنى «يا پارتىيىلىك بول، ياكى مۇسۇلمان بول» دەپ ئەدەپلىگەن ۋە ئۇيغۇر تەرەپتە ئەمەس، خىتاي تەرەپتە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
جامائەت جەسەتنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئېلىپ كەلگەن. بۇ چاغدا دائىرىلەر ئابدۇللا نۇراجىنى گەپ قىلىشقا، كىشىلەرنى توسۇشقا ئۈندىگەن. ئابدۇللا نۇراجى دائىرىلەرنىڭ بۇيرۇقىنى بىجانىدىللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە بارماسلىققا نەسىھەت قىلغان. ئۇنىڭ يىغىسىدىن بىر ئاز تەسىرلەنگەن كېرەم ئەيسا، «بۇ ئاخۇننىڭ گېپىنى بۈگۈنگىچە ئاڭلىماي كەلدۇق، قېنى بۇ قېتىم بىر ئاڭلاپ باقايلى» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ جەسەتنى ئۆيگە ئەكىرىپ كەتكەن.
كېچە سائەت 2 مەزگىلى بولغاندا پىچان ناھىيىلىك پارتكومدا جىددىي يىغىن ئېچىلغان. يىغىنغا ئابدۇللا نۇراجى تەكلىپ قىلىنىپ ۋەقەنى جىمىقتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت سورىغان. ئابدۇللا نۇراجى جامائەت ئىچىدە كېرەم ئەيسانىڭ ئىناۋەتلىك ۋە يېتەكلەش كۈچى بارلىقىنى، شۇ قايىل بولسىلا، بۇ ئىشنىڭ جىمىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى كېرەم ئەيسانى شۇ كېچىدە ئىشخانىسىدىكى يىغىنغا ئەكەلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتىلنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئابدۇللا نۇراجىمۇ، كېرەم ئەيسانى جاڭ شۇجىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا دەۋەت قىلىپ تەربىيە بەرگەن. كېرەم ئەيسا «سېكرېتار ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىدا ۋەدە بەردى، ۋەدىسىدە تۇرسىلا، مەنمۇ جامائەتنى قوزغالماسلىققا تەۋسىيە قىلاي» دېگەن. يىغىن تارقىغاندىن كېيىن ئابدۇللا نۇراجى بىلەن كېرەم ئەيسا ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلار، مۇسىبەتلىك ئائىلىگە بېرىپ يەنە نەسىھەت قىلغان ۋە ئۇلارنى ئەتىسى سەھەردە جەسەتنى يەرلىكىدە قويۇشقا كۆندۈرگەن. ئابدۇللا نۇراجى ئەتىسى مۇسىبەتلىك ئائىلىگە كەلگەندە جامائەت مېيىت نامىزى ئۈچۈن توپلىنىپ بولغان، ئەمما ئۇ بىلمىگەن بىر سەۋەب بىلەن جامائەت بىردىنلا، جەسەتنى يەرلىكىدە قويۇشتىن ۋاز كەچكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ساقچىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ساقچىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار قويۇپ بېرىلمىسە، مېيىتنى يەرلىكىدە قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېرەم ئەيسامۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ نارازىلىققا قېتىلغان.
يۇقىرىدا ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجىنىڭ 7 ياشلىق بالىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى ھەققىدىكى بايانلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. بۇ بايانلارنىڭ داۋامى ئەتىكى پروگراممىمىزدا بېرىلىدۇ. پروگراممىمىزنىڭ ئەتىكى قىسمىدا، جامائەتنىڭ 22-چېسلا ئەتىگەندە مېيىتنى يەرلىكىگە قويماسلىق ئۈچۈن دائىرىلەر بىلەن يەنە 4 سائەت تىركەشكەنلىكى ۋە بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ساقچىخانا ئالدىغا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.