ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2018.05.16

تۈنۈگۈن مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئابلاجاننىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىدىغان دوستلىرىدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزى بىلىدىغان بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلاجان دەسلەپتە گۇما سانجۇ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، بىر كۈن سوراق قىلىنغان، ئاندىن قويۇپ بېرىلگەن. ھالبۇكى، ئۇ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان.
توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بىر مەيدان ئويۇنىنى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 13-كۈنى شاڭخەيدە قويغان. ئۈندىدار توپلىرىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كۆرۈنگەن. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنى يېقىندىن تونۇيدىغان ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئۇنىڭ گۇما سانجۇ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇشىنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ قېتىم سوراقتىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ يىل قايتا تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. بىز ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاۋۋال گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى ئابلاجان ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنى قاچۇردى.
بىز يەنە توردىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئابلاجان ئىستۇدىيەسىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى دېيىلگەن بىر كىشىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابلاجاننىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى ئەمەسلىكىنى، بىر يىلچە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئابلاجان بىلەن ئۇسسۇلدا ھەمكارلاشقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۆنۈگۈكى ئېنىقلىشىمىزدا گۇمىنىڭ چودا يېزىسىدىكى بىر ساقچى ئابلاجاننىڭ سانجۇ يېزىلىق ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئابالاجاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە تەڭرىتاغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تەڭرىتاغ رايونىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۆزىنىڭ بۇ تېمىدا تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئابلاجاننىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى گېپىمىزنى ئىنكار قىلمىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچى شەھىرى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ ئورنى ۋە سانى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان ئورۇنلاردىن بىرى. ئۆتكەندە ھەتتا بىر ساقچى خادىمى ئۈرۈمچىدە «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى.
ئۈرۈمچىدىكى ئۇچۇر كونترولىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ نۆۋەتتە قايسى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئۇ ئۆتكەن يىلقى بىر سىن زىيارەت خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان كۆپلىگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بارلىقىنى، ۋاقتىنى كەسپىگە كۆپرەك مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆيلىنىش ئىشىنىمۇ ھازىرچە ئويلاشمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
يۇقىرىدا مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.