بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاقسۇ يېڭى ئاۋات ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىكى كەچۈرمىشلىرى (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.07.24
saqchi-uyghur-tekshurush-1-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺵ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

مەتبۇئاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئەقىدىسىنى ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەر دېگەن پەتىۋالىرى بىلەن بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

گەرچە، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆيىدە مۇقەددەس كىتابى قۇرئاننىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆيىدە قۇرئان ۋە قىرائەت لېنتىلىرىنى ساقلىغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالاپ كەلدى.

كورلا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم ئۇيغۇر ياش ئەنە شۇنداق سەۋەب بىلەن 2001-يىلىلا 2 يىللىق قاماققا ئېلىنغان. بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر ياش، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان سانسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭ ئاقسۇ يېڭى ئاۋات ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىكى كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.