ئىلھام توختىنى يوقلاشنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى نارازىلىق قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.01.01
guzelnur-ilham-toxti-sot-urumchi.jpg گۈزەلنۇر خانىم ئېرى ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدىدا. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى 12-دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى 1-تۈرمىگە يۆتكەلگەن. ئەمما تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، 2015-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر ئۇنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئىلھام توختىنى يوقلىشىغا ۋە تۈرمە سىرتىدىن كىيىم-كېچەك ئەۋەتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان. تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ، مەھبۇسلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن قانۇنىي ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى قانۇنسىزلىق دەپ تەنقىدلەش بىلەن بىللە ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئىگىلىمەس ئىرادىسى خىتاي دائىرىلىرىنى ئامالسىز قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئەيىبلىشىگە قارىماي ئىلھام ئەپەندىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى مەتبۇئاتلاردا جىددىي ئىنكاس قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى نارازى قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى بىر مەھبۇس ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن قانۇنىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قىلىشى، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ قانۇنسىز دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلھام توختىنىڭ ئىگىلىمەس ئىرادىسى خىتاي دائىرىلىرىنى ئامالسىز ھالەتتە قالدۇرغانلىقىنى ۋە دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا قوللانغان بارلىق قىيىن-قىستاق ۋاسىتىلىرى ۋە قانۇنسىز قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي قاراپ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئەكېلىپ، خىتايغا داۋاملىق بېسىم قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

2015-يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئېلشات ئەپەندى يەنە، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ ئائىلىسىگە يېڭى يىللىق سالىمىنى يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز قەھرىمانلىرىنى قەدىرلەشكە، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 2014-يىل 15-يانۋار كۈنى 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىل 32-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىلھام ئەپەندىنىڭ نارازىلىق ئەرزىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 21-نويابىر ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.