«جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا.

بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ بۇ تېمىغا بارغانسېرى كەڭ ئورۇن بەرمەكتە.

17-ئىيۇل گېرمانىيە «كۈندىلىك گېزىتى»: «ئۇيغۇرلاردىن كېيىن، نۆۋەت قازاقلارغا كەلدىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، «تۈركىي تىللار سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي جەھەتلەردىن ئېغىر بېسىملارغا دۇچار بولماقتا» دەپ يازدى ھەمدە لاگېرلارغا قامىلىش نۆۋىتىنىڭ ئەمدى قازاقلارغىمۇ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «زامان گېزىتى» 18-ئىيۇل ئۆز تور تېلېۋىزىيەسىدە پروگرامما تارقىتىپ، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ئالمۇتادا سوتى بولغان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ خىتاي يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. فىلىمدا «تىنچسىز رايون بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا 2014-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارشى ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تىزگىنى ئاستىغا ئېلىش، رايوننى تىنچىتىش باھانىسىدە بۇ يەردە بىخەتەرلىك قۇۋۋەتلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچلەندۈردى. قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى قۇرۇپ چىقتى. 41 ياشلىق بىر ئايال، خىتاي ھاكىمىيىتى يوشۇرۇۋاتقان جازا لاگېرىدا مەجبۇرىي خىزمەتكە سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئاز دېگەندە 2500 قازاقنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن لاگېردا قاماقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

سايراگۈل ساۋۇتباي ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرىدا خىزمەت قىلغان قازاق ئايال بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئېرى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان. «قازاقىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتتى» دېگەن ئەيىب بىلەن 16-ئىيۇل ئالمۇتادا سوتقا تارتىلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى بىلەن دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

18-ئىيۇل يەنە گېرمانىيەدىكى تەسىرى زور بولغان «Bluewin» تورى قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئېتنىك باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى بايان قىلىشتى.

د ئۇ ق گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى كەڭ تونۇتۇش ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا ئۈنۈملۈك رەۋىشتە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل خادىمى ئەسقەرجان ئەپەندى 17-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيەسىگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، جازا لاگېرلىرىنى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ بېسىمى بىلەن تاقىتىش يولىدا ئىمكانى يار بەرگەن دائىرىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بۇ يىل ئىيۇندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا د ئۇ ق خادىملىرى تەرىپىدىن 3 قېتىم تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدىكى ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» ناملىق يىغىندىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ھەمدە ئامېرىكىدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سوفېي رېچاردسونلار گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

ھەممىدىن دىققەتنى تارتىدىغىنى، 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىندا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇشى بولدى ھەمدە بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەل قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بولدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، 21-ئەسىردە بىر مىللەتنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىيناش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بولۇپ، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش خىزمەتلىرىنىڭ بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 19-ئىيۇل ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا، 23-ئىيۇل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا مەخسۇس جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلاتلار تەقدىم قىلىدىكەن.