خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باشلىقى ما جيەننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.01.16
zhou-yongkang-ju-yongkang.jpg خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا. 2012-يىلى 5-مارت، بېيجىڭ.
AFP


خىتاي دائىرىلىرى 16 - يانۋار جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەننىڭ «ئېغىر دەرىجىدە قانۇننى بۇزغانلىقى» ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھالبۇكى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 9 - يانۋارلا بۇ خەۋەر تارقالغان بولۇپ، ما جيەننىڭ سابىق خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىغا چېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەننىڭ «خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللانغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەر خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ خەۋەر ئۆتكەن جۈمە كۈنى چەتئەللەردە چىقىدىغان «مىنجىڭ پوچتا گېزىتى»دە دەسلەپ ئاشكارىلانغان. بىر ھەپتىدىن بۇيان ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاگېنتلىقلار ۋە خوڭكۇڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي گېزىتى»، «بوشۈن تور گېزىتى»، «چوڭ ئىرا» قاتارلىق خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ما جيەننىڭ 8 - يانۋار كۈنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە يېقىنلىرىنىڭمۇ 9 - يانۋار كۈنى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە خەۋەر ئانالىزلىرى بېرىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ خەۋەرنى بىر ھەپتە كېچىكىپ، 16 - يانۋار خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن كۆچۈرۈپ تارقاتتى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەننىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان» لىقى ئۈچۈن،خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا تاڭ چاۋ ئىسىملىك بىرىنىڭ تەيىنلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەن، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى، جۇ يۇڭكاڭدىن كېيىن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك سېستىمىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھېسابلىنىدىكەن.

خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىدا ما جيەننىڭ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرىنى، مۇھاجىرلىرىنى باشقۇرىدىغان، جاسۇسلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سابىق خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭنىڭ بۇ ساھەدىكى يېقىنلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن«تازىلاش»، «چىرىكلىك، پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىردىن ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

ئېلشات ئەپەندى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىدن بىرى بولغان ما جيەننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ساھەلىرىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغىچە كېڭەيگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، چىرىكلىككە زەربە بېرىشنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي مەقسەتكە يېتىشتىكى ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، ما جيەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن يېڭى ئەمەلدار تاڭ چاۋ ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئىلگىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى تاڭ چاۋنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «جاسۇسلۇق قىلمىشى» بىلەن ئەيىبلىنىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەنلىگىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى مۇخبىرلىرى ئارىسىدا خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق خىزمىتىنى قىلىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىش نامىدا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق خىزمىتى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «چىرىكلىك، پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كېڭەيمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئەڭ يېقىن چوماقچىلىرىدىن بولغان ۋاڭ لېچۈەن، نۇربەكرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ جازالانماسلىقى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا بۇ شارائىتنى ئۆزى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلاشتىكى تايانچ كۈچ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.