ئۆلتۈرۈلگەن يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.04.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xumdan-305.png خۇمدان
Public Domain

بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا 7 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق بىر خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق. ئۇنداقتا ئۆلگۈچى تەرەپنىڭ ئائىلىسى قانداق ئىنكاستا بولدى؟ ئۇلار قول قوشتۇرۇپ تۇردىمۇ؟ ياكى قولىدىن كېلىشىچە، ئىنسانىي بىر ئىنكاس كۆرسەتتىمۇ؟ بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرىدىن بىر نەچچە سوئال سورىدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆلگۈچى ئائىلىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بولۇپ 150 كە يېقىن كىشى ۋەقە يۈز بەرگەن خۇمدان ئەتراپىدىكى خىتاي ئائىلىلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى چېقىلغان. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە يۈز بەرگەندەك، بىر مىللىي توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، رايونغا خىتاي ھەربىيلىرىنى ئەۋەتكەن ۋە ۋەقەنىڭ چوڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خۇمدانغا ھۇجۇم قىلغانلار ئارىسىدىكى يېتەكچى شەخسلەرنى تۇتقۇن قىلغان.

بىزگە كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى ئەھەد ئارىز، ئوغلىنىڭ جەسىتىنى يەنى چانىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە ئېلىۋالغان. ساقچىلار بولسا بۇ رەسىملەرنى تەلەپ قىلغان. ئەھەد ئارىز، ئاۋۋال قاتىلنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە جازالىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا مەسىلىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رەسىمنى بېرىشنى رەت قىلغان. ساقچىلار قاتىلنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رەسىمنى چىڭ ساقلاشنى، رەسىمنىڭ بۆلگۈنچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى ئاگاھلاندۇرغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلاردىكى دىنىي زاتلارغا تەلىم بېرىپ، ئۇلاردىن 7 ياشلىق بالىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى ھەققىدە سوئال سورىغانلارغا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق رەۋىشتە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، قاتىللىققا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەردىن تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 20 گە يېقىن. ئەمما كەنت باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 5 ياكى 6 ئەتراپىدا، ساقچىخانا خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە تۇتۇلغانلار سانى 10 ئەتراپىدا، ئەمما قانچىلىك ئادەم تۇتۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىدىن، 5-ئىيۇلغا ئوخشاش چوڭ بىر ۋەقەنىڭ پىچاندا يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.