«بالا تېپىلسا بولاتتى... سۈرىيەرىم قايتىپ كەلسە بولاتتى... مېنىڭ سۈرىيەرىم قايتىپ كەلسە بولاتتى...» مانا بۇ بىر يېرىم ئايدىن بۇيان يىتىپ كەتكەن يەتتە يېرىم ياشلىق قىزى سۈرىيەنى ئىزدەۋاتقان سۈرىيەنىڭ ئانىسى ئېلنۇر ۋە ئاتىسى ئەسقەتلەرنىڭ نىداسى.
ئۇلار ھەر سېكۇنت، ھەر مىنۇت ھەتتا ھەر بىر تىنىقىنى مۇشۇ بىر نىدا بىلەن ئۆتكۈزمەكتە.

ئۇلار يۈرەك پارىسىنى ئىزدەپ بارمىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى 17 شەھەر 80 ناھىيىنىڭ ھەر بىر يېزا - كەنتلىرى قالمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ «سۈرىيە سىز نەدە» دېگەن نىداسى جاۋابسىز قالدى.
قەلبى بالا قايغۇسىدا پۇچىلانغان، ۋۇجۇدى ئازاب ۋە تاقەتسىزلىكتىن چارچىغان، ئەمما يەنىلا ئۈمىد ئىچىدە قىزىنى ئىزدەشنى كېچەيۇ - كۈندۈز داۋام قىلىۋاتقان بۇ جەسۇر ئانا زىيارىتىمىز ئاخىرىدا بالىسىنى ئوغرىلاپ كەتكۈچىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنى يۈرەك پارىسىنى يوقاتقان بىر ئانىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشكە چاقىردى.
