قارامايدىكى ئوت ئاپتىدە 6 نەپەر ئۇيغۇر جىنىدىن ئايرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2015.03.25
qarimay-ot-apiti-2.jpg قارامايدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى
RFA/Ihsan


25 - مارت كۈنى سەھەر ۋاقتى 1 دىن ئاشقاندا قاراماي شەھىرىنىڭ شامالباغ مەھەللىسىگە تەۋە، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوت كەتكەن.

24 - مارت چىققان 9بال بوران سەۋەبلىك ئوت يالقۇنى تېزدىن كېڭىيىپ 1000 كۋادىرات مېتىرلىق رايوندىكى ئولتۇراق ئۆيلەرگە تۇتۇشۇپ كەتكەن.

قاراماي شەھەرلىك ئوت ئوچۇرۇش تارماقلىرى ئوتنى 5 سائەتتە ئاران ئۆچۈرەلىگەن.

بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە بىر ئائىلە كىشلىرىدىن ئانىسى، بەش بالىسى بولۇپ 6 كىشى كۆيۈپ ئۆلگەن. بالىلارنىڭ چوڭى 6 ياش، كىچىكى تېخى نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاق ئىكەن.

بالىلارنىڭ دادىسى ھايات قالغان بولسىمۇ، ئەمما بەدىنىنىڭ %97 ى كۆيۈپ كەتكەن.

قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلار ئوت ئاپىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال بىر - بىرىنى خەۋەرلەندۇرۇپ نەق مەيدانغا بېرىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە تەشكىللىنىپ، قوللىرى بىلەن توپا تاشلاپ ئوت ئۆچۈرگەن، ئوت ئاپتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر ئورۇنغا يۆتكىگەن ھەمدە پۈتۈن قاراماي خەلقىنى كېچىلەپ خەۋەرلەندۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك مەسلىسىنى ھەل قىلغان.

يەرلىك دائىرىلەر يەنە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇندىدار قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە ئوت ئاپىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى چەكلىگەن.

بىز ئوت ئاپىتىكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قاراماي شەھەر خەلقىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. بىر شەھەر ئاھالىسى ئوتتا كويۇپ يارىلانغانلار سانىنىڭ 8 نەپەر ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بىز ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئوت كېتىشنىڭ جەريانلىرى ۋە بەزى سەۋەبلىرىنى ئاڭلاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.