چارشەنبە كۈنى شيې گۇاڭگو ئىسىملىك بىرى، قاراماي شەھەر باشلىقى چېن شىڭفا ۋە جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۈ ۋېيشىلەرنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئۈستىدىن يېزىلغان پاش قىلىش خېتىنى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئۆز كىملىكى بىلەن ئېلان قىلدى.
بۇ خەت سەۋەبىدىن خىتايدىكى تورداشلار ئارىسىدا نېفىت ساھەسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى نېفىتلىكىگىمۇ كېڭەيگەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلەر باشلاندى. ئۇنداقتا قارامايدا 2000-يىللاردىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماي ئىشسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق 5000 دىن ئارتۇق قارامايلىق ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، يېقىنقى 9 ئايدىن بۇيان ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قارامايلىق ئانىلارنىڭ، بۇ ئىككى ئەمەلدار ئۈستىدىن يېزىلغان پاش قىلىش خېتىگە ئىنكاسى قانداق؟ ئۇلارنىڭ قارامايدىكى ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپلىرى قاراماي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەل قىلىندىمۇ؟ بۇ ئانىلار قاراماي ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يەنە قانداق تەلەپلەرنى قويماقتا؟
«قاراماي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۈ ۋېيشى قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن شىنجاڭ سەنليەن ھەسسىدارلىق گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ ۋېي ئارىسىدىكى پارا ئېلىش-پارا بېرىش، قاتارلىق چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئۈستىدىن پاش قىلىش دوكلاتى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان خەت سەنليەن شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى مۇئاۋىن باشلىقى، ھازىرقى قاراماي شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيې گۇاڭگو تەرىپىدىن ئۆز كىملىكى بىلەن ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گەرچە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتايدىكى كۆپلىگەن ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە بۇ پاش قىلىش خېتى ھەققىدە خەۋەر ۋە مۇنازىرىلەر كۆپەيدى.
ئۇيغۇر بىز تورى شيې گۇاڭگونىڭ پاش قىلىش خېتىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر بىز تورى شيې گۇاڭگونىڭ پاش قىلىش خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، قارامايدىكى بۇ ئىككى ئەمەلدار ۋە قاراماي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا چەتكە قېقىش، تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ، قارامايدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان 5000دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرۇشتەك ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قارامايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنىمۇ بايان قىلغان.
قارىمايدىكى يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، بۇلتۇردىن بۇيان ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، قاراماي ياشلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ قاراماي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە قاراتقان چەتكە قېقىش سىياسىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
قارىمايلىق ئانىلاردىن بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىلبەر خانىم، قاراماي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۈ ۋېيشى، قاراماي شەھەر باشلىقى چىن شىڭفا قاتارلىق ئەمەلدارلار ھەققىدىكى پاش قىلىش خېتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە ئۇچۇر تورىدا تارقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قاراماي خەلقىنىڭ نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان بۇ ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە قارامايدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلبەر خانىم سۆزىدە، ئىلگىرى قارامايدىكى ئاتا-ئانىلارغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭغا بارغان سەككىز نەپەر ئانىنىڭ يەنىلا ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما قارامايدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش ھەققىدە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بايانىدا ئەگەر قارامايدىكى بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تەڭسىز سىياسىتى تۈزىتىلسە، قارامايدا ئىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان 5000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىدىن ئۈمىد بارلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
دىلبەر خانىم بايانىدا يەنە، قارامايدىكى يەرلىك مىللەت ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىدىن مەمەتجان،زىننەت، ھەجەر، ئارزۇگۈل ۋە قازاق مىللىتىدىن بولغان جەنىپە قاتارلىق 5 نەپەر ئاتا-ئانىنىڭ 11-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن بىلەن كۆرۈشۈپ، قارامايدىكى ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ جاڭ چۈنشەن بىلەن كۆرۈشەلمىگەچكە، يازغان ئەرزلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىلىرىغا تاپشۇرۇپ، 12-سېنتەبىر كۈنى كېچىلەپ قارامايغا قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلبەر خانىم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، ئۆزلىرىنىڭ قارامايدىكى خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىنىڭ ھەققانىي تەلەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى چىرىكلىك، پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەقىقەتەن قارامايدىكى بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، ئۇلارنىڭ قارامايدا بۇ يىللاردا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن چەتكە قېقىش سىياسىتى ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى، خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «جۇڭگودا ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر» دېگەن قانۇنى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 6-ئايدا قارامايدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى نامايىش قىلىپ،بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قارامايغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچمەن يۆتكەپ كېلىنىپ دەرھال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما قاراماينىڭ ئەسلى قۇرغۇچىلىرى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت پەرزەنتلىرىدىن ئالىي مەلۇماتلىق 5000 دىن ئارتۇق ياشنىڭ ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،قاراماي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي ئايرىمىچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.