موتسىكلىتنى تارتىۋالغان قاتناش ساقچىسىنىڭ خىزمەت ئورنىنى يالغان كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.01.20
saqchi-motsiklit-yighiwelish-1.jpg قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ موتسىكلىت يىغىۋېلىشى.
Social Media

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قاتناش ساقچىسىنىڭ ئۆز كىملىكىنى بىلدۈرمىگەن ھالدا بىر كىشىنىڭ موتسىكلىتىنى تارتىۋالغانلىقى ۋە قارشى تەرەپ ئىسمىنى سورىغاندا، «بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىسمى، خالىسام دەپ بېرىمەن، خالىمىسام دېمەيمەن» دېگىنىچە موتسىكلىتنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقىلىپ يۈرمەكتە.

ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، قاتناش ساقچىسى ئۆزىنىڭ سەندۇڭبېي(ئۈچتاش) تىكى قاتناش ساقچى ئەترىتىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ساقچى ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، ئۈچتاشتا قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ ئىشخانىسى يوقلۇقى، مەزكۇر ساقچىنىڭ خىزمەت ئورنىنى يالغان مەلۇم قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

قاتناش ساقچىلىرىدىكى بۇ خىل يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىق ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، مەسىلىنىڭ يىلتىزى مەزكۇر ساقچىنىڭ ئەخلاقىي سۈپىتىدىن باشقا، خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.