سايباغ قانلىق توقۇنۇشىغا باغلىنىشلىق يەنە بىر ۋەقە - بۇلاقسۇ يەر ئاستى مەكتەپ ۋەقەسى

0:00 / 0:00

سايباغ قانلىق توقۇنۇشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى شۇ كۈنى ساقچىلارنىڭ ۋەقە سادىر بولغان ئۆيگە مەلۇم بىر گۇماندارنى تۇتقىلى بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئۇ گۇماندار چېتىشلىق بولغان ۋەقەنى تىلغا ئالمىغان؛ سايباغ يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان يىغىندا بولسا، ساقچىلارنىڭ مەزكۇر ئۆيگە بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بۇلاقسۇدىكى بىر ساقچى خادىمىدىن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنىڭ بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپنىڭ بايقىلىش ۋە تاقىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 50 كىشى سوراق قىلىنغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان. ساقچىلار تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، سايباغدىكى ئىسلام ئىسمائىل جەمەتىنىڭ پېيىغا چۈشكەن چېغىدا، مەزكۇر توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

مۇخبىر: بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىمۇ؟
خادىم: ھە شۇنداق.

مۇخبىر: ھازىر ۋەزىيەت قانداق بۇلاقسۇدا؟
خادىم: ھازىر خېلى ياخشى.

مۇخبىر: ئۆتكەندە ۋەقە يۈز بەرگەن يەر قەيەرتى؟
خادىم: سايباغ.

مۇخبىر: ياق، سايباغدىكى ئەمەس، بۇلاقسۇدىكىنى سوراۋاتىمەن.
خادىم: بۇلاقسۇدا يېقىندا ئانچە چوڭ ۋەقە بولمىدى.

مۇخبىر: سايباغدىكى ۋەقەگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ۋەقە بارغۇ بۇلاقسۇدا يۈز بەرگەن؟ يىغىندا شۇنداق دېيىلدىغۇ، ساقچىلار بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بارغاندا سايباغ ۋەقەسى كېلىپ چىقتى دەپ.
خادىم: ھە، ئىنچىكە ۋەقەسىنى سوراۋاتامسىز، ئۇ بىر يەر ئاستى مەكتەپ ۋەقەسى.

مۇخبىر: ئۇ يەر ئاستى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى قانچە ئىكەن؟
خادىم: يىگىرمە نەچچە بالا ئىكەن.

مۇخبىر: ئوقۇتقۇچى قانچە ۋە كىملەر ئىكەن.
خادىم: ئوقۇتقۇچى بىر، ئىسمى ئېسىمدە يوق.

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە ئوقۇغۇچى ئۆلدى، قانچىسى يارىلاندى؟
خادىم: ئۇ ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغان بولمىدى.

مۇخبىر: باش گۇماندارنىڭ يەنى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى.
خادىم: ئۇنى بىلمەيمەن.

مۇخبىر: شۇ ۋەقەدە سىزمۇ ۋەزىپە ئۆتىگىلى باردىڭىزمۇ؟
خادىم: ياق، مەن بارمىدىم.

مۇخبىر: ۋەقەنى سىز يازما بىر ماتېرىيالدىن ئۇقتىڭىزمۇ، يىغىندىنمۇ؟
خادىم: يىغىندىن ئۇقتۇم، شۇ چاغدا ساقچىخانىمىزدىمۇ بىر يىغىن ئېچىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يېقىندا يېزىلىق پارتكومدىكى يىغىندىمۇ تىلغا ئېلىندى.

مۇخبىر: بۇلاقسۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇ يىغىنىدا يەر ئاستى مەكتەپ ۋەقەسى ھەققىدە نېمە دېيىلدى؟
خادىم: ئىنچىكە ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى سايباغ ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى بىلەن ئۆز-ئارا چېتىشلىق، ئەگەر بىز شۇ ۋەقەنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغان بولساق، سايباغدىكى ۋەقەگە ئوخشاش چوڭ ۋەقە كېلىپ چىقاتتى دېدى.

مۇخبىر: ئىنىچكىدىكى يەر ئاستى مەكتەپ ۋەقەسى قاچان يۈز بەرگەن؟
خادىم: بىر ئايدىن ئېشىپ كەتتى، چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىشتۇرۇلۇپ بولدى.

مۇخبىر: قانچىلىك كىشى يىغىشتۇرۇلدى.
خادىم : ئەللىكتىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ كېلىنىپ سوراق قىلىنىپ، قويۇپ بېرىلىدىغىنى قويۇپ بېرىلىپ، جازالىنىشقا تېگىشلىكلىرى جازالىنىپ بولدى. بۇلارنىڭ شايكىلىرى كۆپ بولغاچقا، سايباغدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا شۇ ۋەقە كېلىپ چىقتى.

مۇخبىر: ئىنچىكە كەنتى، بۇلاقسۇنىڭ نەرىگە توغرا كېلىدۇ؟
خادىم: ئاقتۇ بىلەن تۇتىشىدىغان جايدا.

يۇقىرىدا 15-دېكابىر سايباغ قانلىق توقۇنۇشىغا باغلىنىشلىق دەپ قارالغان بۇلاقسۇدىكى ئىنچىكە ۋەقەسى يەنى يەر ئاستى مەكتەپ ۋەقەسى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.