خىتاي 15-دېكابىر كۈنى قەشقەر كوناشەھەر سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە، 16 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئارىسىدا ئىككى نەپىرىنىڭ ساقچى خادىمى، قالغانلىرىنىڭ بولسا تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئەمما كىملىكلىرىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىمىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ سايباغدىكى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ۋەقەدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 4 ئاكا-ئۇكا قېرىنداش، بىر سىڭىل ۋە بىر باجا ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بولۇپ بىر جەمەت كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۆلگەنلەردىن ئالتە نەپىرىنىڭ بولسا ئايال ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ ئۇچۇرلار ۋەقە يۈز بەرگەن سايباغ يېزىلىق پارتكومدا 17-دېكابىر كۈنى ئېچىلغان ۋەقە ھەققىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئېلىندى.
ۋەقە يۈز بەرگەن سايباغ يېزىسىدىكى ساقچىخانا
خادىم: سايباغ ساقچىخانىسى!
مۇخبىر: گۈلچىمەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ ئاڭلىدۇق، شۇ ئائىلىدىن قانچە كىشى ئۆلگەن بولدى.
خادىم: بۇ ئىشلارغا بىز جاۋاب بېرەلمەيمىز، ناھىيىدىكى قوماندانلىق شتابىغا تېلېفون قىلىڭ.
كوناشەھەر ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە قوماندانلىق قىلىش شتابى
مۇخبىر: بۇ كوناشەھەر ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىمۇ؟
خادىم: شۇنداق نېمە ئىش بارتى؟
مۇخبىر: سايباغنىڭ گۈلچىمەن يېزىسىدىكى ۋەقەدە بىر ئائىلىدىن قانچە كىشى ئۆلگەن گەپ؟
خادىم: بۇ ھەقتە بىز بىر نەرسە دېيەلمەيمىز!
مۇخبىر: بولمىسا ۋەقەدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ، قولۇڭلاردا بۇ ھەقتە دوكلات بارمۇ؟
خادىم: مەن سىزگە ئىشخانىنىڭ، كاتىبات بۆلۈمىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرەي، شۇلاردىن سوراپ بېقىڭ.
كوناشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ كاتىبات بۆلۈمى
مۇخبىر: بۇ كوناشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىمۇ؟
خادىم: ھە.
مۇخبىر: قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشىمۇ؟
خادىم: چۈشەنمىدىم (خادىم خىتايچە جاۋاب بېرىدۇ، دىئالوگ شۇندىن كېيىن خىتايچە داۋاملىشىدۇ.)
مۇخبىر: ئىدارىڭىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىنى چاقىرىپ قويسىڭىز؟
خادىم: سەن شۆھرەت ھوشۇرمۇ؟
مۇخبىر: شۇنداق مەن شۇ.
خادىم: ئەمىسە سورىما بۇ ئىشنى ماقۇما؟
مۇخبىر: نېمە ئۈچۈن؟
خادىم....
خادىم تېلېفوننى قويۇۋېتىدۇ ۋە قايتا-قايتا ئۇرۇلسىمۇ تېلېفوننى قوبۇل قىلمايدۇ.
ئاخىرقى قەدەمدە بىز سايباغ يېزىلىق پارتكومغا تېلېفون قىلىپ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. نۆۋەتچى خادىم، بۇ ۋەقە ھەققىدە پەقەت تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭلا جاۋاب بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە مەسئۇل خادىم گۇەن خۇەيشيا بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بېرىلگەن تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفون يىغىن مەيدانىغا ئۇلىنىدۇ ۋە يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بىر تەرجىماننىڭ ئېغىزى ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە ئاڭلىنىدۇ:
سېكرېتار: .... ئۇلار 7-ئايدىن باشلاپ تېررورلۇق، زوراۋانلىققا ئائىت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى كۆرگەن،... 8-ئايدا زوراۋانلىق قوراللىرىنى ياساپ سىناق قىلىشقان.... 12-ئاينىڭ 15-كۈنى يېزىمىزدىن مەي سوجاڭ بىلەن ناھىيىدىن گوباۋ دادۈينىڭ دادۈيجاڭى مەي ۋېييۈەن 7 نەپەر ساقچىنى ئېلىپ يېزىمىزنىڭ 13-كەنت 1-مەھەللىسىدىكى ئىسلام ئىسمائىلنىڭ ئائىلىسىگە بۇلاقسۇدىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى ئېنىقلاپ بارغىنىدا، مەي ۋېييۈەن ئىشىكتىن كىرىشىگىلا بىر تېررورچى ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىدۇ (ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەي سوجاڭ دېگىنىڭ سايباغ ساقچىخانا باشلىقى مەمەت سىدىق، مەي ۋېييۈەن دېگىنىڭ كوناشەھەر ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى باشلىقى، خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئىتى مەمەت تۇرسۇن ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ-مۇخبىردىن)..... ئارقىدىن ئۆي ئىچىدىن بىرنەچچىسى ئېتىلىپ چىقىپ ئۆزلىرى ياسىغان بومبا بىلەن كوچىدىكى ساقچى ئاپتوموبىلىنى پارتلىتىدۇ.... ئۇلار يەنە ئىشىك ئالدىلىرىدىن 150 مېتىر نېرىدىكى مەشىق مەيدانىدا مەي سوجاڭنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ.... ناھىيىدىن ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئۇلار يەنە چېكىنمەستىن ساقچىلارغا ئېتىلىپ كېلىدۇ، ساقچىلار تەسلىم بولۇشقا ۋە دۈم يېتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلار داۋاملىق ھالدا ئۆزلىرى ياسىغان بومبىلار بىلەن ساقچىلارغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىدۇ، ئاندىن ساقچىلار ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلايدۇ... ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز نەق مەيدانغا يېتىپ باردۇق، ئەھۋال ناھايىتى ئېچىنىشلىق، مەي سوجاڭنىڭ بېشى بىر يەردە، بەدىنى بىر يەردە ھالەتتە، ئاكتىپ ئىككى خىزمەتچىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق... ۋەقەدىن كېيىن 8 بومبا قاتارلىق قوراللار يىغىۋېلىندى، يىغىۋېلىنغان قوراللار ئارىسىدا تۆت تۆشۈكىدىن تەڭ ئوق چىقىدىغان ئېغىر قورالمۇ بار.... بۇنىڭدىن كېيىن روپاشلىقلارنى، ساقاللىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈڭلار، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقاللىق ۋە ھەممىسى روپاشلىق.... ئۆلگەنلەرنىڭ ئالتىسى ئايال، 10 ئى ئەر.... بۇندىن كېيىن چەت ياقىدىكى ئۆيلەرنى، يېڭى ئۆيلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈڭلار؛ بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلار توپلىشىپ ئولتۇرۇۋالغان ئائىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈڭلار، بۇ قېتىمقىسى ئىسلام ئىسمائىل ئائىلىسىدىكى 4 ئاكا-ئۇكا قېرىنداش، بىر سىڭىل، بىر باجا ۋە جورىلىرى بولۇپ بىر جەمەتنىڭ تېرىغان ئىشى. ئەسلىدە بۇلار بۇنىڭدىن چوڭ ئىش قىلماقچى، يېزىلىق ساقچىدىنمۇ، ناھىيىدىنمۇ تەكشۈرۈشكە كېلىۋەرگەندىن كېيىن، ھە، پاش بوپ قاپتۇق، جازالىنىپ كېتىمىز دەپ تېرىغان ئىشى.... ۋەقەدىن كېيىن 21 بالا بىزگە قالدى، بىز بۈگۈن قارايمىز، ئەتە ناھىيىگە يۆتكىۋېتىمىز؛ ئەسلىدە 27 بالا بۇ، ئارىلىرىدا 3 نەپىرىنىڭ ئاپىسى مۇشۇ يەردە بولغاچقا ساقچىخانىغا ئاپىرىپ سوراق قىلىندى....
يىغىندىن ئاشكارىلانغان يۇقىرىقى مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسمى خىتاي ئاخباراتىدا بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى ۋە 21 بالىنىڭ يېتىم قالغانلىقى بايان قىلىنمىغان. يىغىندىكى دوكلاتتا ئاياللارنىڭمۇ ئۆلگەنلىكى پاش قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قارشىلاشقۇچىلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ 6 نەپەر ئايالنىڭ ئەر قېرىنداش ۋە جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە كوچىدا ئېتىپ تاشلانغان ۋە ياكى ئولتۇرغان ئۆيىدە ئېتىپ تاشلانغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ نازۇك نۇقتا خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۆز خادىملىرىدىنمۇ سىر تۇتۇلغان.