قابا ناھىيەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى
2019.01.07
ئۆتكەن ئايدا ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە بىر تۈركۈم قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماقلىرىدا ھالال-ھارامنى سۈرۈشتە قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتۇلغانلار ئارىسىدا بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسىغا تەۋە ئوقۇغۇچىلاردىن 20 نەچچىسى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلغانلاردىن بىرىنىڭ جايلىما يېزىسىغا نوپۇسلۇق ئورالقان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ بولسا ساربۇلاق يېزىسىغا نوپۇسلۇق قانات ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە بىر تۈركۈم قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە يەنە رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، تۇتقۇنلار ئۈستىدىن بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئىچكى جەھەتتىن ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا بەزى مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ تاماق ۋە ياتاق تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ تەنقىد قىلىنغان ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلىنغان.
رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن بۇ ئىنكاستا بۇ 5 يېتەكچى ئوقۇغۇچىنىڭ كىملىكى بايان قىلىنمىغان. بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساقچىخانىلارغىمۇ تارقىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بىز بۇ بەش ئوقۇغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالتايدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. قابا بازارلىق ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈستىدىن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان ۋە تەنقىدلەنگەن 5 ئوقۇغۇچىدىن بىرى ئورالقان بولۇپ، ئۇ قابا ناھىيەسىنىڭ جايلىما يېزىسىغا نوپۇسلۇق بىر ئوقۇغۇچى ئىكەن.
ئەمما بۇ خادىم ئورالقاننىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، ۋەقەدە قانداق رول ئالغانلىقى ۋە نۆۋەتتە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئىلگىرىكى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە تۇتۇلغانلار سىرتتا خىزمەت ئىشلەۋاتقان ۋە ياكى ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، سوراق مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ئەسلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قاماقخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. قابا بازارلىق ساقچىخانا خادىمىمۇ ئورالقاننىڭ ناھىيە بازىرىدىن 5 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى جايلىما يېزىسىدىكى بىر قاماقخانىدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئىچكى ئۇقتۇرۇشتا تەنقىدلەنگەن بۇ بەش نەپەر يېتەكچى ئوقۇغۇچى ئاساسلىقى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە مەكتەپ رېستورانىدىكى تاماق تەركىبى دوسكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوشقا گۆشىنى پەرقلەندۈرۈشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازغان. بەزى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ رېستورانىدىن ئەمەس، ياتاقلىرىدا تاماق يېيىشكە تەشكىللىگەن ياكى باشلامچىلىق قىلغان. بىز ساربۇلاق يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىدىن تەنقىدلەنگەن 5 ئوقۇغۇچىدىن ساربۇلاققا تەۋە ئوقۇغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ خادىم ئۇنىڭ قانات ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ قاناتنىڭ نۆۋەتتە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. بىز ئۇنىڭدىن قاناتنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ قاناتنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىشارەتلىدى.
بىز بۇ خادىمدىن ساربۇلاق يېزىسىدىن چوشقا گۆشى ۋەقەسىگە چېتىشلىق قاناتتىن باشقا يەنە كىملەرنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ساربۇلاق يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ بۇ خادىمنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلار دېلوسىغا قانداقلارچە چېتىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇ بۇ خادىمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى.
ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە بىر تۈركۈم قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىققان خەۋەرلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىشقا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقى ۋە نامايىشقا قاتناشقانلاردىن ئاز دېگەندە 4 چە ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. ھازىرغىچە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ چوشقا گۆشى ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ۋە ياكى نەدە بولغانلىقى تېخى دەلىللەنمىگەن ئىدى. ساقچى خادىملىرىمۇ نامايىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كەسكىن بىر شەكىلدە ئىنكارمۇ قىلمىغان ئىدى. ئەنە شۇ ۋەقەنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولغان ئوقۇغۇچى ئورالقان بىلەن قاناتنىڭ قابا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ قانچىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى تېخىچە ئايدىڭ ئەمەس.