سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن 4 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن، بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئاخىرقى قېتىم سوتلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلانغان ۋاڭ لىجۈن، يۈز خاتىرە قىلىپ قانۇننى بۇزۇش، ھوقۇقىنى سۇيىستىمال قىلىش، خائىنلىق قىلىپ قېچىش ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق 4 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن بىر يىللىق مەھرۇم قالدۇرۇلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.09.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ۋاڭ لىجۇن بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بۆ شىلەينىڭ ئايالىنىڭ قاتىللىق دېلوسىنى پاش قىلغان، بۆ شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئۆتكەن ئايدا سوتلىنىپ، كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۇرۈشىچە، ۋاڭ لىجۈن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرمىگەن. كۆزەتكۈچىلەر، ۋاڭ لىجۈننىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكنى ھۆكۈمگە قايىللىقتىن ئەمەس، بەلكى خىتاي سوتىنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن دەپ قاراشماقتا. كۆزەتكۈچىلەر يەنە، ۋاڭ لىجۈن دىلوسىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ھازىرغىچە پەقەت ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن، سابىق پارتكوم سېكرېتارى بۆ شىلەينىڭمۇ جىنايى جازاغا تارتىلىشىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ لىجۈننىڭ پارا ئالغان پۇلنىڭ ئومۇمى سوممىسى 30 مىليون 500 مىڭ سوم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت