ئاتۇشتا ئالاھىدە ساقچىلار بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.03.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
tutqun-xitay-saqchi-kochida.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوچىدا پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى ئىيۇل، قەشقەر.
RFA

23-مارت يەنى يەكشەنبە كۈنى كەچتە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئىشلەمچىلەر بازىرى دېيىلىدىغان تەۋەلىكتە، بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرى ئارىسىدا ماجىرا يۈز بېرىپ، ساقچىلار ئۇيغۇر ياشنى قاتتىق ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان.

ۋەقەگە ئەتراپتىكى ئىشلەمچىلەرمۇ ئارىلىشىپ ساقچىلارنى توسقان، بۇ پۇرسەتتە، يارىدار نىجات سەمەتنى ئۇنىڭ بىر دوستى ساقچىلارنىڭ ئارىسىدىن قۇتقۇزۇپ، ئېلىپ قېچىپ نىجاتنىڭ سۈنتاغدىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ساقچىلار، نىجات سەمەتنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ ئۇنى ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى بۇيرۇغان. نىجات سەمەتنىڭ دادىسى سەمەت ھاجىم، بۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئوغلىنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بارغان. ئۇلار ساقچىخانىغا كېلىشىگە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان بىرقانچە ئالاھىدە ساقچى، نىجات سەمەتنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ دادىسىنىڭ ئالدىدا تېپىپ يىقىتىپ ۋە يەردە سۆرەپ ئاپتوموبىلغا باسقان ۋە نامەلۇم بىر تەرەپكە ئېلىپ كەتكەن.

سەمەت ھاجىم 4 سائەتتىن كېيىن، ئوغلىنىڭ ئوبلاستلىق 1-دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ دوختۇرخانىغا بارغىنىدا ئوغلىنى يۈز-كۈزى قان ۋە ھوشسىز ھالەتتە كۆرگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە ساقچىلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چاقىرتىپ دوختۇرخانىغا يولغا سېلىپ قويغان نىجات سەمەتنى دوختۇرخانا تېخىچە داۋالىمىغان ۋە پۇل تۆلەشنى كۈتۈپ تۇرغان. سەمەت ھاجىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئۈچۈن 200 سوم ۋە دوختۇرخانىغا 1500 سوم تاپشۇرغاندىن كېيىنلا، داۋالاشقا باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن 3 كۈن بولغان بولسىمۇ، نىجات سەمەتنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر ھالەتتە، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇپ بۇ ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ۋە زوراۋانلىق قىلغان ساقچىلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ۋەقەگە نارازى بولغان 50-60 كىشىلىك جامائەتنىڭ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ شۇ كۈنى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكە قاراپ يارىدارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بايانلىرى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىپ، ئەتىكى پروگراممىمىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.