خىتاي 2015-يىلى 1419 كىشىنىڭ سىياسىي سەۋەب بىلەن جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.03.14
gu-keyley-sot-305.jpg بو شىلەينىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەي خەيرىۋودنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 9-ئاۋغۇست، خېفىي.
AFP

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 2014-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، خىتايدا ھەر تۈرلۈك جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ 2015-يىلى زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ سانىنىڭ بىر ھەسسە يۈكسەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «يەرشارى ۋاقتى»، «خىتاي ھۆكۈمەت تورى» قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 13-14-مارت كۈنلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، 2014-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا خىتايدا ھەر تۈرلۈك جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ 2015-يىلى زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش ۋە زوراۋان تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش نىسبىتىنىڭ بىر ھەسسە ئۆرلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يەرشارى ۋاقتى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 13-مارت كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا چاقىرىلغان 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ ۋە خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ سوت ۋە تەپتىش خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن.

جۇ چياڭنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، 2015-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلوسى 1 مىليون 99 مىڭ قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 2014-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 7.5% ئاشقان. جازالانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 232 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 4% ئاشقان.

دوكلاتتا يەنە 2015-يىلى يۈز بەرگەن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە زوراۋان تېررورلۇق ئەنزىلىرىنىڭ نىسبىتى 2014-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئۆرلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. جۇ چياڭنىڭ بايان قىلىشىچە، 2015-يىلى «خىتاي سوتى تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تېررور تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا تەشكىللىك يېتەكچىلىك قىلىش، زوراۋان تېررورلۇققا دائىر ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تارقىتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان، زوراۋان تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان 1084 قېتىملىق دېلو ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، 1419 كىشىنى جازالىغان.»

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ «2015-يىلى خىتايدا تېررور تۈپەيلى جازالانغانلارنىڭ سانى بىر ھەسسە ئاشقان» ناملىق خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، بۇ يەردە خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئادىل ھۆكۈم چىقارغانلىقى ئەمەس، بەلكى سوتنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 13-مارت رويتېرس ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، «خىتايدا تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ئومۇمەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتىلىدۇ.» 2014-يىلى خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش ۋە تېررور بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى تۈپەيلى سوت تەرىپىدىن جازاغا مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ سانى 712 كىشى بولۇپ، 2015-يىلى بۇ ساننىڭ بىر ھەسسە ئارتىپ 1419 كىشىگە يېتىشى، جۇ چياڭ ئېيتقاندەك، «خىتاي سوتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بىرگە دۆلەتنى پارچىلاش ۋە تېررور بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.»

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ بۇ دوكلاتتا تىلغا ئالغان 1084 قېتىملىق ۋەقەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسسىيونى»نىڭ رەئىسى، خىتاي زىيالىيسى فېي لياڭيۇڭ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەقەللىي كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ زور دەرىجىدە باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ، جاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە ھەرىكەت قىلغان كۆپلىگەن ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەقسىز ھالدا تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە ئاۋازى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەدلىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى سۇسان فىندېر فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، 2015-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋە تېررور بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى بىلەن جازالانغانلارنىڭ ئارىسىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە «شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، كومپارتىيەنى تەنقىد قىلغۇچىلار ئۈستىدىن باستۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، ئادۋوكاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تور ئابونتلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، ئۆتكەن بىر يىلدا تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگىلا جىنايەت بېكىتىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقى» ئېيتىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ يەنىلا قاتتىق داۋام قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭنىڭ دوكلاتتا تىلغا ئېلىشىچە، 2015-يىلى خىتايدا يەنە چېرىكلىك دېلولىرىدىن 34 مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن، 49 مىڭ ئادەم جازالانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە نازىر دەرىجىلىكلەرنىڭ سانى 134 كىشىگە يەتكەن. ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاش، ئوت قويۇش دېلولىرىنىڭ سانى 262 مىڭ قېتىمغا، زەھەرلىك بۇيۇملارغا مۇناسىۋەتلىك دېلولار سانى 139 مىڭ قېتىمغا يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.