خېيلوڭجاڭنىڭ تەيلەي تۈرمىسىگە ئۇيغۇر رايونىدىن بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ يۆتكەلگەنلىكى جەزملەشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.01
Xeylongjang-teyley-turmisi-uyghur-lager.jpg خېيلوڭجاڭدىكى تەيلەي تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسى.
Baidu

ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار جەزملەشمەكتە.

جۈمە كۈنى قەشقەردىكى بىر ساقچى خادىمى قەشقەر توققۇزاقتىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇ ئۆلكىنىڭ چىچىخار شەھىرىدىكى تەيلەي تۈرمىسىگە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ 20 كۈننىڭ ئالدىدا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر ۋە ئۇچۇرلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئۆتكەن ھەپتە بوۋېن تور تېلېۋىزىيەسىدە قىلغان سۆزىدە، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئەندىشىلىنەرلىك ئەھۋال سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بىزنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، قەشقەردىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ نەجمىدىن بەدەلھاجى قاتارلىق ساقچى خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغانلىقى دەلىللەنگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق ھالدا قايسى جايلارغا ئاپىرىلغانلىقى ئايدىڭلاشمىغان.

يەنە رادىيومىزغا كەلگەن مەلۇم بىر ئىنكاستا خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىدىكى تەيلەي تۈرمىسىگە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى بىئارام قىلغانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.

ئىنكاستا ئۆزىنىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى تەيلەي ناھىيەسىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر ئايال مۇنداق دېگەن: « شىنجاڭدا تۈرمىلەر بار ئەمەسمۇ، ئۇنىڭغا قامالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار. ئاشۇ تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنى بىزنىڭ ناھىيەدىكى تۈرمىلەرگە ئەكېلىپ، بىزنىڭ ناھىيەدىكى جىنايەتچىلەرنى شىنجاڭدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىدى، ھېسابتا تۇتقۇنلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇردى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى يىراق يەرگە يۆتكەپ، قالايمىقانچىلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بىزنىڭ ناھىيەدىكى تۈرمە خىزمەتچىلىرى مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى ئاللىقاچان تۈگىدىغۇ دەيمەن. مۇشۇ ھەرىكەت ئۈچۈن نۇرغۇن قوراللىق ساقچىلارنى ئىشلەتتى، نۇرغۇن ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە پويىزلار بىلەن توشىدى.»

بىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن بىرقانچە كۈندىن بېرى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن ۋە چىچىخار قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىق دەلىللەندى. تەيلەي ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قوراللىق ساقچى قىسىم ئىدارە خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە كىملىكى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرگە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدىن تەيلەي تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بېشارەت بەردى.

خېيلوڭجاڭ ئەدلىيە نازارىتى، خاربىن تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى، تەلەي ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە تەيلەي تۈرمىسى بىلەن ئالاقە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. تەيلەي تۈرمىسىگە ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز ئىزچىل ھالدا قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن تەيلەي ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق.

تەيلەي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۇلارنىڭ تەيلەي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ ھازىرغا قەدەر قانچىلىك مەھبۇسنىڭ ئەكېلىنگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. ئۇ بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ قەيەردىن بىلگەنلىكى، يەنى يىغىندىن ئۇققان ياكى مەھبۇسلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، بۇنى بىر رەسمىي ھۆججەت ياكى يىغىندىن ئاڭلىمىغانلىقى، پەقەت خەلقتىن يەنى ئاھالىلەردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىن تەيلەيگە مەھبۇس يۆتكەلگىنىگە 20 كۈنچە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا ئۇيغۇر رايونىدىن مەھبۇس يۆتكەپ كېلىنگىنى ئۈچۈن تۈرمە ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى، ھەتتا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى. دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىر ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەيلەي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى خادىمى تەيلەيدە قانچە تۈرمە بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، تەيلەيدە ئىككى تۈرمە بارلىقى، بۇنىڭ بىرى تەيلەي تۈرمىسى، يەنە بىرى ليۇ سەن تۈرمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەنلەرنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ھېچ ئىككىلەنمەستىن «تەيلەي تۈرمىسىدە» دەپ جاۋاب بەردى. ئۆزىنى تەيلەي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى دەپ تونۇشتۇرغان بۇ خادىم، ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ سانىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن تەيلەي تۈرمىسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە بىزنى تەيلەي تۈرمىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىدى. جاۋ فامىلىلىك بۇ خادىم، ئۇيغۇر رايونىدىن ھازىرغىچە بىر قىسمىنىڭ كېلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئارىلىق يەنە كېلىۋاتقان ياكى كېلىدىغانلارنىڭ يەنە بارلىقىدىن ئىشارەت بەردى. تەيلەي تۈرمىسىنىڭ بىرقانچە بۆلۈمىگە ئارقا-ئارقىدىن ئۇرغان تېلېفونىمىز نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەقەتلا قوبۇل قىلىنمىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قايسى كۈنى ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ گەنسۇدىن تارتىپ خېيلوڭجاڭغا قەدەر بىرقانچە ئۆلكىگە يۆتكىلىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچۇر ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئۆتكەن جۈمە كۈنى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاقتىكى ساقچى خادىمى قەشقەردىن بىر قېتىمدا 2000 چە كىشىنىڭ يۆتكەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى يۆتكەشكە 43 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ نازارەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

تەيلەي تۈرمىسىدە ھەققىدە بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماتېرىيالدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ تۈرمىدە ئادەتتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ جازاسى كېچىكتۈرۈلگەنلەر، مۇددەتسىز كېسىلگەنلەر ۋە 15 يىلدىن يۇقىرى كېسىلگەنلەرنىڭ سولىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە تور ئۇچۇرلىرىدا بۇ تۈرمىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇقى ۋە گۇندىپايلىرىنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن مەشھۇرلۇقى تىلغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىدە بۇ فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا كۆپ زۇلۇم سېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.