يەكەن تومئۆستەڭدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە 53 كىشى تۈرمە ۋە قاماقتا

ئۆز مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.04.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
urumchi-sheherlik-1-turme-2.jpg ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

يېقىندا ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى، يەكەننىڭ تومئۆستەڭ يېزا 7 ‏-كەنتىدە  4 بالىسى تۈرمىگە تاشلانغان خەلچىخان ھوشۇر ئىسىملىك 73 ياشلىق بىر ئايالنىڭمۇ  تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تۇتقۇنغا ئۇنىڭ بىر مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنىدىكى ئىسيانكار بايانلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى داۋامىدا، گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزى تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، تومئۆستەڭنىڭ 2 ‏-كەنتىنىڭ 140 ئائىلىلىك  4 ‏-مەھەللىسىدە 52 كىشىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمە ۋە قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلچىخان ھوشۇر تەۋە بولغان 7 ‏-كەنت سېكرىتارى تېلېفونىمىزنى ئالمىغاندىن كېيىن، بىز قوشنا كەنت سېكرىتارلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

2 ‏-كەنت سېكرىتارى، خەلچىخان ھوشۇرنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆز كەنتىدە نۆۋەتتە 35 كىشىنىڭ قانۇنسىز تەبلىغ ئاڭلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماقتا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن 12 سىگە سوت ھۆكۈمى چىققانلىقى، ھۆكۈمدە بۇلارنىڭ ئالدىغا 10 يىل، كەينىگە 2 يېرىم يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ نۆۋەتتە سوت ھۆكۈمىنى كۈتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ، بۇ 35 كىشىنىڭ كىملىكىنى بايان قىلدى.

1.  جۇمە تۇرادىن ، 20 ياش،

2 .  ئەخمەتنىياز ، 45  ياش،

3. مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان، 25 ياش،

4. ئەركىن تۇرسۇن 40 ياش،

5. تۇنىياز مەمەت 45 ياش،

6. قەيىم مەمەت 30 ياش،

7. ئىمىن تۇراپ 48 ياش،

8. ئابدۇكەرىم ، 42 ياش،

9. رەخىم تۇراپ،  37 ياش،

10. مەمەتنىياز توختى،  37 ياش،

11. تۇرسۇن زايىت، 45 ياش،

12. ئىمىن زايىت، 37 ياش،

13. ئەمەتنىياز چوڭ، 60 ياش،

14. تۇرسۇننىياز ئابدۇراخمان  45 ياش،

15. نۇرمەمەت تۇرسۇن قادىر،  33  ياش،

16. نۇرمەمەت تۇرسۇن سايىت 30 ياش،

17. بۇخەلىش نۇر 38،  ۋەز تەبلىغدار ئادەم ،

18. پاتىمە سايىتتۇرسۇن،  50 ياش،

19 . ئەخمەت زايىت، 40 ياش،

20. خەيرىسا ئەخمەت، 55 ياش،

21.    سەمەر قادىر، 60 ياش،

22. ئابدۇئەزىز ئابدۇراخمان،  23  ياش،

23. ئابدۇقادىر قاۋۇل، 45 ياش،

24. مۇتەللىپ رەخىم، 32 ياش،

25. تۇرسۇن توخسۇن، 35 ياش،

26. ئوسمان ئەبەي، 28 ياش،

27. مەمەت تۇرسۇن ئابدۇقدىر، 30 ياش،

28. ئەركىن قاۋۇل، 50 ياش،

29. ئابدۇراخمان قاۋۇل (بالىسى كىرگەن)

30. تۇراپ قاۋۇل،57 ياش،

31. توختىنىياز ئىدرسى 40 ياش،

32. ئىمىننىياز مەخمۇت،42 ياش،

33. مەمەت تالىپ، 42 ياش،

34. نۇرىماڭۇل تالىپ، 38 ياش،

35. موللا قۇربان تۇرسۇن ، 40 ياش،

سېكرىتارنىڭ يەنە دېيىشىچە، قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ ئاڭلىغان يۇقىرىقى 35 كىشىدىن باشقا، يەنە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلاردىن 4 كىشى ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

نۆۋەتتىكى قاماقتىكى بۇ 39 كىشىدىن باشقا ، بۇ مەھەللىدىن يەنە 13 كىشى ئىلگىرىكى يىللاردا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ كەڭ- كۆلەملىك تۇتقۇندا بەزى ئائىلىلەردىن ئاكا-ئۇكىلار، بەزىلىرىدىن ئەر-ئايال تۈرمىگە تاشلانغان، تۇتقۇنلارنىڭ چوڭى 62 ياش، كىچىكى 20 ياش. بۇ ئەھۋال بەزى ئائىلىلەرنى پۈتۈنلەي ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىپ تاشلىغان. ئاتا-ئانىسىز قالغان بالىلار مەزكۇر ئائىلىنىڭ  ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە،  تومئۆستەڭنىڭ ئىككىنچى كەنت 4 ‏- مەھەللىسى، 652 نوپۇس، 140 ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن؛ تومئۆستەڭ يېزىسى  2014 ‏-يىلى 28 ‏-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ بازىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا،  سېكرىتارنىڭ  بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەگە تومئۆستەڭدىن قېتىلغانلار يوق دىيەرلىك. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 2013 ‏-يىلى رامىزان ھارپىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئاقسۇ ئايكۆلدە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن يۈز بەرگەن ۋە ئايكۆلنىڭ پەيشەنبە بازار كەنتىدە ھەر ئۈچ ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن، ئالدىنقى ئايدا گۇما ناھىيىسىنىڭ پىيالىما يېزىسىدىنمۇ 1400 نوپۇسلۇق بىر كەنتتە 28 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئەمدىلىكتە، ھېچقانداق بىر ۋەقەگە سەھنە بولمىغان تومئۆستەڭ يېزىسىدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە  53 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقتا بولۇشى، چېن چۈەنگو دەۋرىدىكى رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.