توققۇزاق ۋە يېڭىشەھەردىكى بىر قىسىم يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئورۇنلىرى ئېنىقلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.05.24
yepiq-terbiyelesh-lagiri-yeqindin-tartilghan-xerite-3.jpg كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىسى، جاڭ شاۋ ئىسىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۋىتېردا قەشقەر كونا شەھەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرى دەپ كۆرسەتكەن خەرىتىسى.
Social Media/Shown Zhang

تۋىتتېر ئۇچۇرىدا قەشقەرنىڭ توققۇزاق ۋە يېڭى شەھەر ناھىيەسىدىكى 3 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئورنى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

شۆھرەت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي تورلىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ ئورىنى تېپىپ چىقتى. كانادالىق ياش كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋنىڭ ئەڭ يېقىنقى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا قەشقەرنىڭ توققۇزاق ۋە يېڭى شەھەر ناھىيەسىدىكى 3 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئورنى كۆرسىتىپ بېرىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ ۋە زەمىن يېزىلىرىدىن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپلۈكى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

كانادالىق مۇستەقىل ياش كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋ تەرىپىدىن تۋىتتېردا ئاشكارىلانغان ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، توققۇزاقتىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن بىرى توققۇزاق بازار ئىچىدىكى ئىشلەمچى كوچىسىغا سېلىنغان، لاگېرنىڭ ئورنى ئىشلەمچى كوچىسىدىكى يېڭى قاماقخانىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كەلگەن. بۇ لاگېرنىڭ قاچان تەسىس قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما خىتايچە «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دە بۇلتۇر 26- ئاپرېل چىققان بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ئېلانىدا بۇ لاگېرنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقى، كۆلىمى ئەسلىدىكى 26 مىڭ 855 كۋادرات مېتىردىن 35 مىڭ كۋادرات مېتىرغا چىقىرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنى ۋەكىلى توققۇزاق ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى بولغان. قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ئېلانى شىنجاڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان.

كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋنىڭ سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن كۆزىتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش بۇلتۇر ماي ئېيىنىڭ بېشىدا باشلانغان، نويابىرنىڭ ئاخىرى تاماملانغان. ھۆددىگەرلىك ئېلانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا دائىرىلەر «توققۇزاق ناھىيەلىك قانۇن-تۈزۈم بىلەن تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەكتىپى» دەپ نام بەرگەن.

كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋنىڭ يەنە ئېنىقلاپ چىقىشىچە، توققۇزاق ناھىيەسى بۇ يىل 6-مارت كۈنى «ساغلاملىق مەركىزى» نامىدىكى يەنە بىر قۇرۇلۇشنىڭ ھۆددىگەرلىك ئېلانىنى بەرگەن. ئېلاندا گەرچە بۇنىڭ بىر يىغىۋېلىش لاگېرى ئىكەنلىكى ئوچۇق دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئېلان توققۇزاق ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئېلاندا قۇرۇلۇشنىڭ ئورنى ئىشلەمچى كوچىسىدىكى تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن يېڭى قاماقخانا ئارىسىدا كۆرسىتىلگەن.

ئىلگىرى توققۇزاقتىن ئەھۋال ئىگىلىگەن ۋاقتىمىزدا، توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدىنلا 3214 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېردا ئىكەنلىكى، بۇلاقسۇ يېزىلىق ئەدلىيە خادىملىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. ئەينى چاغدا خادىملار، بۇلاقسۇدىن ھەر ھەپتىسى 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلارغا يوللىنىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئورنىنى دەپ بېرىلمىگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋنىڭ بۇ قېتىمقى تۋىتتېر ئۇچۇرىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن بىرى بارىن يېزىسىنىڭ13 ‏- كەنتىگە يەنى ئاراقېچىچى كەنتىگە تەسىس قىلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھۆددىگەرلىك ئېلانى بۇلتۇر 21-ئىيۇن چىقىرىلغان. ئېلان قەشقەر ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان. سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن ئايان بولۇشىچە، قۇرۇلۇش تاكى بۇ يىل فېۋرالغا قەدەر باشلانمىغان. بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇشنىڭ كۆپ قىسمى تاماملانغان. بۇ لاگېرغا ئادەم يىغىشنىڭ باشلانغان ياكى باشلانمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

بىز ئۆتكەن ئايلاردا قەشقەر شەھەر چاسا ئامانلىق مۇدىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ قەشقەر شەھىرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، ۋىلايەت بويىچە لاگېرغا ئەڭ كۆپ ئادەم توپلانغان يېزا بازارلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئەمما يېڭىشەھەردىكى لاگېرلار ھەققىدە مەلۇمات بەك كۆپ بېرەلمىگەن ئىدى.

يۇقىرىدا قەشقەرنىڭ توققۇزاق ۋە يېڭى شەھەر ناھىيەسىدىكى 3 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئورنىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.