ئامېرىكىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەندى

بۈگۈن، 11-سېنتەبىر كۈنى، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈزبەرگەن نىيوركتىكى دۇنيا سودا بىناسى ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسىغا ئايروپىلاننى سوقۇش ئارقىلىق پەيدا قىلىنغان تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-09-11
Share

11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇراسىم پائالىيىتى نىيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە رەپىقىسى، سابىق پرېزىدېنت جورجى ھەم باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان.

11-سېنتەبىرنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەينى ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پرېزىدېنت ئوباما ۋە باشقىلار نىيورك شەھىرىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ۋەيران قىلىنغان دۇنيا سودا بىناسىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان خاتىرە نۇقتىسىغا بېرىپ، 11-سېنتەبىردە ھاياتىدىن ئايرىلغان 3000 غا يېقىن بىگۇناھ كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن. ئۇ خاتىرە تاختىسىدىكى ئىسىملەرنى سىلاپ، ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 90 دۆلەتكە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ بىر خېلى كۆپ جايلىرىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن. ۋاتىكان پوپى بېنېدىكت 11-سېنتەبىر قۇربانلىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئىنسانلارنى زوراۋانلىقلارنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.

11-سېنتەبىر كۈنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى قاتارىدا ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن 24 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۆھەر سېيىت مۇھەممەدمۇ بار ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت