11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇراسىم پائالىيىتى نىيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە رەپىقىسى، سابىق پرېزىدېنت جورجى ھەم باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان.
11-سېنتەبىرنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەينى ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پرېزىدېنت ئوباما ۋە باشقىلار نىيورك شەھىرىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ۋەيران قىلىنغان دۇنيا سودا بىناسىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان خاتىرە نۇقتىسىغا بېرىپ، 11-سېنتەبىردە ھاياتىدىن ئايرىلغان 3000 غا يېقىن بىگۇناھ كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرگەن. ئۇ خاتىرە تاختىسىدىكى ئىسىملەرنى سىلاپ، ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 90 دۆلەتكە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ بىر خېلى كۆپ جايلىرىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن. ۋاتىكان پوپى بېنېدىكت 11-سېنتەبىر قۇربانلىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئىنسانلارنى زوراۋانلىقلارنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.
11-سېنتەبىر كۈنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى قاتارىدا ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن 24 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۆھەر سېيىت مۇھەممەدمۇ بار ئىدى.