11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 5 نەپەر پىلانلىغۇچىسى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئالغان

11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلىغان 5 كىشى كۇبانىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدىكى تۇتقۇنلار لاگىرىدا ئېچىلغان سوتتا ئۆز گۇناھىنى بوينىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۈەنتانامودىكى سوت دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ئۆز گۇناھىنى بوينىغا ئالغان 5 كىشىنىڭ بىرى، 11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان خالىد شەيخ مۇھەممەت ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.08

دۈشەنبە كۈنكى سوتتا يەنە 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ تۇنجى قېتىم سوتنى سىرتتىن ئاڭلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. سوتتا خالىد شەيخ مۇھەممەت سوتچىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، قالغان 4 كىشىگە ۋاكالىتەن گۇناھىنى بوينىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خالىد شەيخ مۇھەممەت ئىلگىرى 2973 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىكى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ يولدا " شېھىد " بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىقى 5 كىشى ئۆز گۇناھىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھىنى باشقىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىقرار قىلماي، ئۆزى ئىختىيارلىقى بىلەن ئىقرار قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشى كېرەك. ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتى مۇقىملاشسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار خالىد شەيخ مۇھەممەت قاتارلىقلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى سوت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر سوتنىڭ كېلەر يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى باراك ئوباما ھوقۇقنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈم چىقارمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. باراك ئوباما سايلام پائالىيىتى جەريانىدا گۇئانتانامونى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.