خوڭكوڭدا 4 - ئىيۇننى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن خوڭكوڭدا تەخمىنەن 2000 دىن ئارتۇق ئادەم 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، نامايىش ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.05.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى دەسلەپتە ئاز بولۇپ، ئۇلار بارغانسېرى كۆپىيىپ 2500 دىن ئېشىپ كەتكەن.

نامايىشچىلار خوڭكوڭ مەركىزىدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىدىن ئاتلىنىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش مەمۇرىيىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ، شوئارلار توۋلىغان ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان. يەنە باشقا بىر نامايىشچىلار توپى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان.

خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ "دېموكراتىيىنى قوللاش ۋەتەنپەرۋەرلەر بىرلەشمىسى" دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.