ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى دەسلەپتە ئاز بولۇپ، ئۇلار بارغانسېرى كۆپىيىپ 2500 دىن ئېشىپ كەتكەن.
نامايىشچىلار خوڭكوڭ مەركىزىدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىدىن ئاتلىنىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش مەمۇرىيىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ، شوئارلار توۋلىغان ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان. يەنە باشقا بىر نامايىشچىلار توپى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان.
خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ "دېموكراتىيىنى قوللاش ۋەتەنپەرۋەرلەر بىرلەشمىسى" دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان.