'5 - ئىيۇل ۋەقەسى' دىن كېيىن ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە قاچماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئەڭ ئاز دېگەندە 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ چەتئەللەرگە قېچىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-21
Share

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتايدىكى قارا قول گۇرۇھلىرىغا نەچچە ئون مىڭ دوللار پۇل تۆلەش ئارقىلىق پاسپورت ۋە ۋىزا ھەل قىلىپ، چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەرگە قېچىپ چىققان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يېقىندا گوللاندىيىگە قېچىپ چىققان ۋەلى ۋە پاتىگۈل ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە نەچچە ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇل بېرىش ئارقىلىق گوللاندىيىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىر گوللاندىيىگە قېچىپ كەلگەن ۋە ئۆزىنى پاتىگۈل دەپ تونۇشتۇرغان قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى بىلەن تېلېفوندا زىيارەت ئېلىپ بارغان. پاتىگۈلنىڭ ئاپىسى مۇخبىرغا ئوغلىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزى پاتىگۈلنى قوغداپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت