خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۈرۈمچى '5 - ئىيۇل ۋەقەسى' ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتتا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ئورۇن بەرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەزى گۇۋاھچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5‏ - ئىيۇل كۈنى ۋە كېيىنكى باستۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تەن جازاسى ۋە دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل بىر خادىمىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە جاۋاب بېرىلمىگەن نۇرغۇن مەسىلە بار بولۇپ، جەمئىي قانچىلىك ئادەم ئۆلدى؟ ئۇلارنى كىملەر ئۆلتۈردى؟ ۋەقەنىڭ جەريانى قانداق بولدى ۋە نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش كېرەك.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتتا بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە ئورۇن بېرىپ، بۇ ئۇيغۇرنىڭ 7‏ - ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى كەچ سائەت 8:30 ئەتراپىدا خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قېچىپ كېتىپ بارغان بىر توپ ئۇيغۇرلارنى كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ ئوققا تۇتقانلىقىنى ۋە 3 كىشىنىڭ كەينىدىن ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ "شىنجاڭ"غا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن ۋەقە ئۈستىدىن كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، نارازىلىق ۋە ئىشەنمەسلىكنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.