8 چوڭ سانائەت دۆلىتى ئىراننىڭ يادرو قورال مەسىلىسى بۇيىچە كېلىشىم ئىمزالاشنى تەلەپ قىلماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون خانىم تۈنۈگۈن، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئەمدى ئىراننى جازالاشتا بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.03.31

بۈگۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت بۇ 8 چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ دىپلوماتلىرى كانادانىڭ كيۈبەك شىتاتىدىكى گاتىناۋ شەھەرچىسىگە توپلىنىپ ئېلىپ بارغان قېيىن سۆھبەتتە، ھەممىسى بىردەكلا ئىراننىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ھەرىكىتى يادرو بومبىسى ياساشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ بەلكى ھازىر بۇ ھەرىكىتىنى ھەسسىلەپ تېزلىتىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنس كاننون بۇ يىغىنىدا، "بۇ قېتىم ئىران مەسىلىسى بۇيىچە بىر كېلىشىم ئىمزالاش كېرەك،" دەپ جاكارلىغاندا، بۇ 8 چوڭ دۆلەت كىلوبىنىڭ ئەزالىرىدىن خىتاي، برازىلىيە، تۈركىيە تېخىچە ئىراننى جازالاشنى قوللايدىغان تەرەپتە ئەمەس ئىدى.

ئەمما ئىراننىڭ مۇشۇ كۈنگە قەدەر دۇنيادا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى چەكلەشكە بوي سۇنماي كېلىۋاتقان لىقىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھازىر مەيدانىنى ئۆزگەرتتى. بۇ سۆھبەت ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.