ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن پاتىپاراقچىلىقتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يارىلانغان

دۈشەنبە كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن پاتىپاراقچىلىقتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يارىلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.29

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ۋەقەدە 41 نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى دەسلەپتە يارىلانغۇچىلارنىڭ 100 گە يېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، ۋەقە 29- نويابىر شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 لار ئەتراپىدا، ئاقسۇ شەھىرىدىكى 5- باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن.

ۋەقەدىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يارىلانغۇچىلارنىڭ 41 ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 34 ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە، 6 ئوقۇغۇچى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلىقى، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا بېرىلگەن ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن كېيىن گىمناستىكا ئويناشقا چىققان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىدىن پەسكە قاراپ سىيرىلىپ چۈشكەن، نەتىجىدە تۇتقۇچ قايرىلىپ كېتىپ بىر ئوقۇغۇچى يەرگە يېقىلىپ كەتكەن.

ھادىسىدىن چۆچۈگەن ئوقۇغۇچىلار پاتىپاراق بولۇشۇپ تەرەپ-تەرەپتىن قېچىشقا باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا دەسلەپتە پەشتاق تۇتقۇچىدىن سىيرىلىپ چۈشكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئون ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق يارىلانغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن.
يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىرىنچى دوختۇرخانىدا ياتاققا ئېلىنغان.

ئاقسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنى بىر پاتىپاراقچىلىقتىن كەپ چىققان يارىلىنىش ھادىسىسى دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ۋەقە تەپسىلاتنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى جىددىي قامال قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاقسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بالىسى يارىلانغان ھەر بىر ئائىلىگە ئىككىدىن كادىر ئەۋەتىپ، ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغان ۋە مەكتەپ ئەتراپىنى ساقچى ئەۋەتىپ مۇھاسىرىگە ئالغان.
رادىئومىزمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەشكە كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ دائىرىلەر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.