دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنى غەلىبىلىك تاماملاندى

3 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنى، 25 - ماي دۈشەنبە كۈنى قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن غەلىبىلىك تاماملاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.25

بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە قۇرۇلتاينىڭ ئىلگىرىكى رەئىسى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم قايتا سايلانغان ئىدى.

يېپىلىش مۇراسىمىغا قۇرۇلتاينىڭ يېڭى سايلانغان رەھبەرلىرى ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قاتناشتى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كەلگۈسى ھەرىكەت پىلانى ۋە سىياسىي پروگراممىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 21 - ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى 18 - 19 - ماي كۈنلىرى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 60 يىللىقى ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ۋە ئامېرىكا پايتەختىدە زىيارەتلەردە بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىن كېيىن، قۇرۇلتايىنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسىدا مۇئەييەن ئۆزگىرىش ياسالغان بولۇپ، قۇرۇلتاي مەسئۇللىرى 26 - ماي بۇ ھەقتە رەسمىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.