يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئۆتكەن يىلى 40 كۈن سولاپ قويۇلغان

يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئۆزىنىڭ نادىر ماقالىلىرى ۋە بىر قىسىم ئەدەبىي خاتىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان قەلەمكەشلەردىن بېرىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.11.30
قۇمۇلنىڭ شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان، ئۆزىنىڭ "چېڭگىز ئايتماتوپقا ئوچۇق خەت" ۋە " جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى" قاتارلىق نادىر ماقالىلىرى ۋە بىر قىسىم ئەدەبىي خاتىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان قەلەمكەشلەردىن بىرىدۇر. ئۆتكەن يىلى 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ جىددىي ۋە سەزگۈر مەسىلىلىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىلىق نازارەت ۋە جازالاش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بىر تۈركۈم كىتابخان ۋە قەلەمداشلىرى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ھەققىدە ئەندىشىگە چۈشكەن؛ يېقىندا ئۇيغۇرچە توربەتلەردىن بىرىدە ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ نۆۋەتتە قاماقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر چىققان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بىرقانچە كۈندىن بېرى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ۋە ئورگانلار ۋە ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ مەھەللە-كويلىرىدىن ئىگەللىشىچە، ئۇنىڭ 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىر قېتىم تۇتۇپ كېتىلىپ، 40 كۈن قاماپ قويۇلغانلىقى ۋە ئارقىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى؛ نۆۋەتتە جىگدە قۇدۇق كەنتىدە نورمال ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، نازارەتنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى لايىھىسىگە قارىتا تەكلىپ پىكىرلەر سۇنغان ۋە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ سەلبىي نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بۇلتۇر 40 كۈن قاماپ قويۇلىشىغا كونكىرت قايسى يازمىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.