ئافغانىستاندىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئاياقلاشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.20
2009.08.20
سايلام كۈنى سايلامنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىلىرى بولغان خامىت كارزائى سايلامنىڭ تېنچلىق، تەرەققىيات ۋە ئافغان خەلقىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى تىلىدى. سايلامنىڭ يەنە بىر رىقابەتچىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بۇ سايلامنىڭ ئافغان خەلقى ئۈچۈن يېڭى بىر باشلانغۇچ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
گەرچە رەسمىي دائىرىلەر قانچىلىك كىشىنىڭ بىلەت تاشلىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر رەقەم بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سايلامنى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇ يەردىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇ قېتىملىق سايلامدا بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، 2004 - يىلىدىكى بىلەت تاشلىغۇچىلاردىنمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
بۇنىڭ سەۋەبى تالىبانلارنىڭ سايلامدىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان بىر قاتار زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بولۇپ، تالىبان سايلامدا بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ بارمىقىنى كېسىش بىلەن تەھدىت قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ تالىبانلار بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان جەنۇبىي رايونلاردا بىلەت تاشلاش ئورۇنلىرىدا كىشىلەرنىڭ نىسبەتەن ئاز بولغانلىقى دىققەت تارتتى.
سايلام كۈنى ئافغان ۋە ناتو ئەسكىرىدىن بولۇپ 300 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر بىخەتەرلىكنى قوغدىدى. شۇنداقتىمۇ پايتەخت كابولدىكى قوراللىق توقۇنۇش بىلەن بىرلىكتە، سايلام كۈنى 70 قېتىمغا يېقىن قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كەلگەن. ئەمما مۇتەخەسسىسىلەر مەيلى نېمىلا بولسۇن، بۇ سايلامنىڭ ئافغانىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىشماقتا.
بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىسىنىڭ 17 - سىنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.