فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەندىھار ئايرودرومى مەمۇرىي ئىشلار مۇدىرى ناسىرخان، ئايروپىلاندا بومبا تەھدىتى كۆرۈلمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى ئۈرۈمچىگە قونۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ناسىرخان بۇ ھەقتە توختىلىپ: "بومبا تەھدىتى ۋە ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىمۇ سادىر بولغىنى يوق" دېگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخباراتى يەكشەنبە كۈنى، كابۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بومبا تەھدىتى سادىر بولغانلىقى، شۇ تۈپەيلى ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچىدە قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنماي ئافغانىستانغا قايتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بىر نەپەر "كام ھاۋا يوللىرى" شىركىتى ۋەكىلىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، قايتىپ كەلگەن ئايروپىلان قەندىھار ئايرودرومىغا قونغان. ئۇ " بەزى مەسىلىلەر تۈپەيلى ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچىگە قونالمىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەممە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە،تۇنجى قېتىم يولغا چىققان "كام ھاۋا يوللىرى" شىركىتىگە تەۋە بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئافغانىستانغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، كابۇل ئايرودرومىغا ئەمەس، بەلكى قەندىھار ئايرودرومىغا قونغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى بۈگۈن يەنە ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان.