ئامېرىكا قوشۇنلىرى بىلەن تالىبانلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 50 تالىبان جەڭچىسى ئۆلدى

شەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى فاراخ ئۆلكىسىدە ئامېرىكا قوشۇنلىرى تالىبانلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۈچ نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە يەتتە نەپەر ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ناتو قوشۇنلىرى بىلەن تالىبانلار ئارىسىدا بىر مەيدان جەڭ يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.09.13

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جەڭ فاراخ ئۆلكىسىنىڭ بالا بالۇك دېگەن يېرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئافغانىستان تەرەپ باياناتچىسى ئابدۇل غورىنىڭ ئېيتىشىچە، جەڭ مەزكۇر ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن.

ئابدۇل غورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەڭدە 50 نەچچە تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئارمىيە تالىبانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. بىراق، تالىبانلارنىڭ زادى قانچىلىك ئادىمى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار بولمىغان، شۇ ئارىدا شەنبە كۈنى يەنە ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى بىر قېتىملىق پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە تالىبانلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ناتو مۇ ئافغانىستاندىكى ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.