خىتاي ھۆكۈمىتى «ۋەتەنپەرۋەر خرىستىئان چېركاۋلىرى» نى قانۇنلۇق دەپ ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئائىلە خرىستىئان چېركاۋلىرىنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى. گەرىي لۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىلىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن تۇنجى خىتاي ئامېرىكىلىقتۇر. گەريى لۇ بۇ سۆزلەرنى ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف ئۇنىڭ خىتايدىكى يەر ئاستى خرىستىئان چېركاۋلىرىغا بېرىپ ئىبادەت قىلىش-قىلماسلىقىنى سورىغان ئىدى.
لېكىن، گەرىي لۇ «مېنىڭ قانداق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىم ئامېرىكا خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دېگەن. ئۇنىڭ جاۋابى فرانك فولفنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان. ئۇ ئۈستەلنى مۇشتلاپ تۇرۇپ، «بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكا خەلقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خىتايدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە سەرگەردانلىققا مەھكۇم بولغان ئۆكتىچى زاتلار ئۈچۈن بىر ئەركىنلىك ئارىلى بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. گەرىي لۇ ئۆزىنى ئاقلاپ، «بۇ مەسىلە ئوچۇق -ئاشكارا سۆزلىشىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن ئۇ، فرانك فولفنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ باققان بولسىمۇ، لېكىن فرانك ۋولف ئۇنى قىستاپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئوي-پىكرىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايغا بارسا يەر ئاستى خرىسيتان ئائىلە چېركاۋلىرىدا ئىبادەت قىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يېقىندا نۆۋەتتىكى ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گەرىي لۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوباما، ھېچكىمنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە گەرىي لۇدەك مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھازىرقى باش ئەلچىسى جون خۇنتىسمەن يېقىندا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ. لېكىن، گەرىي لۇ رەسمىي باش ئەلچىلىك ئورنىغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم.