ئامېرىكا ئافغانىستاننى «ناتوغا تەۋە بولمىغان ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش» دەپ بېكىتتى
2012.07.07
مەزكۇر قارار ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئافغانىستان پېرىزىدېنتى ھامىت كارزاى بىلەن بىللە ناشتا قىلغان ۋە ناشتىدىن كېيىن چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنى شەرھلىدى.
كلىنتون خانىم مۇنداق دېدى: بىز بۇنى ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ساداقىتىمىزنىڭ سىمۋولى، دەپ تونۇيمىز.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ خىلدىكى مۇناسىۋەت بىز چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ، دەپ قارايمىز. ئامېرىكا ئافغانىستاننى تاشلاپ قويمايدۇ؛ ئەكسىچە ئافغانىستان بىلەن مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەت ھەمكارلىقى ئورنىتىدۇ.
ئامېرىكا ئىلگىرى ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە يېڭى زېللاندىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەرنىمۇ «ناتوغا تەۋە بولمىغان ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش» دەپ بېكىتكەن ئىدى.