ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.11.07
2010.11.07
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاۋسترالىيىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە بازىلىرىنى ئىشلىتەلەيدىكەن.
بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان. ئەمما، ئىككى تەرەپ تېخى بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرمىغان.
ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ خىل ھەمكارلىق پىلانى ياپونىيە بىلەن خىتاي سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا كىرگەندىن كېيىن، شۇنىڭدەك ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدا تاقىم ئاراللار مەسىلىسى قايتا باش كۆتۈرگەندىن كېيىن مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتلىرىدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.