ئامېرىكا: 'خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر ئائىلىسىگە زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز '

ئامېرىكا دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ، رابىيە قادىرغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-08-28
Share

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى، مەزكۇر ۋەقەنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمغا دۆڭگىگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىمۇ تۇرالغۇلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رابىيە قادىر خانىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى دەلىللىيەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانچىسى پ ج كروۋلي: " ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر ئائىلىسىگە زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز مەزكۇر مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى داۋاملاشتۇرىمىز" دېگەن.

بىر ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر سودا سارىيىنى چېقىش خىزمىتىنى بىر ئاي ئىلگىرىلا باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر سودا سارايلىرىدا سودا قىلىۋاتقان سودىگەرلەر دۇكاندىن كۆچۈشكە بۇيرۇلغان.

بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرى تۈپەيلى چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەمدە بۇ تۈپەيلى ئۈمىدىنى ھەرگىز يوقاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت