ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خىتاينى يازغۇچى زەي يۈنفېيگە ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 11-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىچۈەنلىك يازغۇچى زەي يۈنفېيگە تولۇق ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىردى.

43 ياشلىق سىچۈەنلىك يازغۇچى زەي يۈنفېي بۇ يىل 2-ئاي مەزگىلىدە خىتايدىكى «ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى» نى تەشكىللىگۈچى دېگەن گۇمان بىلەن سىچۈەندە قولغا ئېلىنىپ، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

زەييۈنفېي قولغا ئېلىنىپ 6 ئايدىن كېيىن يەنى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا «جىنايى پاكىتلار تولۇق ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئۆيىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە تۇرالغۇسىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ھەم ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

زەي يۈنفېي خىتايدا تونۇلغان ئۆكتىچى يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «خىتاي مائارىپى يۈزلىنىۋاتقان خەتەر ۋە ئۇنىڭغا تەنقىد» قاتارلىق ئەسەرلىرى خىتايدا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇ،2008-يىلى خىتايدىكى «بەيدۇ» تورىدا خىتايدىكى 100 مەشھۇر زىيالىينىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

زەي يۈنفېي يەنە 2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شىاۋبو قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، خىتايدا قانۇن ئۆزگەرتىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.