ئوباما، ئامېرىكا - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈمىدلىك ئىكەنلىكنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئامېرىكا - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئامېرىكا - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-06-07
Share

ئوباما بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئارقىلىق يوللىغان مەكتۇبىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ ھەقتىكى مەكتۇپىنى ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋقا تاپشۇرغان.

ئوباما خېتىدە ئەزەربەيجان - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى تەرىپلىگەن ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش ئۈچۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىلىرىنى ئارىيەتكە بەرگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما خېتىدە: "مۇناسىۋەتلىرىمىزدە بەزى كەسكىن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن خەۋەردارمەن، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل" دېگەن.

ئامېرىكا 2001 - يىلى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ھاۋا بوشلۇقىدىن ۋە بىر قىسىم بىرلەشمە قوشۇن قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجان تۇپرىقىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغان.

ھالبۇكى، ئامېرىكا دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئەزەربەيجاننى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت