ئاكىنو بۈگۈن رويتىرسقا قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، فىلىپپىننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشىدىن خىتاينىڭ دەككە-دۈككىگە چۈشمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئاكىنونىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە فىلىپپىننىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36مىڭ كىلومېتىر، بولۇپ، فىلىپپىننىڭ نۆۋەتتە بۇ مۇساپىدىكى قىرغاقنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەربىي ئەسلىھەلىرى مەۋجۇت ئەمەس.
رويتىرىسنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، پەنتاگون قوماندانى ئۆتكەن يىلى فىلىپپىنغا مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆزىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئامېرىكا بىلەن ئورتاقلىشىشنى تەۋسىيە قىلغان. فىلىپپىن مانا بۇ تەۋسىيىگە ئاساسەن، تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىپ تۇرماقچى.
مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىننىڭ ئامېرىكىدىن تەلەپ قىلىدىغىنى P3C Orion تىپلىق جاسۇسلۇق ئايروپىلانى بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى يەنە بىر بالداق يۈكسەلتىشى مۇمكىن.