ئامېرىكا ھەربىي مۇلازىمەت كومىتېتى خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ماللارنى تەكشۈرىدۇ

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي مۇلازىمەت كومىتېتى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ماللارنىڭ ئامېرىكىنىڭ قورال ۋە باشقا ئېلېكتر ئەسلىھەلىرى سىستېمىسىغا كىرىپ قالغانلىقى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئىشىغا، خىتاينىڭ دەرھال ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.06.15

ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراق ۋە ئېلېكتر ئەسلىھەلىرى سىستېمىسىغا خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ماللار كىرىپ قالغان، بۇنداق ساختا ماللارنىڭ شېنجېندىن كىرگەنلىكى ئېنىق. ئەمما خىتاي بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بارىدىغان ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ باۋدۇڭ، بۇ قانۇن مەسىلىسى، بۇنداق رەسمىيەتنى بېجىرىش ئۈچۈن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇش كېرەك، دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، 2008‏-يىلىدىكى ئومۇم سايلامدا پرېزىدېنت كاندىداتلىقىغا كۆرسىتىلگەن جوھن مەكەين تۈنۈگۈن، بۇ مەسىلىسىنى دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.