بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئوباما بۇ جەرياندا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ۋە سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.
پرېزىدېنت ئوباما شۇ كۈنى جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ چېگرا پاسىلى ھېسابلىنىدىغان 38 - پاراللېلنىڭ جەنۇبىي كورىيە تەرىپىدىكى ھەربىيسىز نۇقتىسىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما دۈشەنبە كۈنى سېئۇلدا ئېچىلىدىغان خەلقئارالىق يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، بۇ يىغىندا 50 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى جەم بولىدۇ. يىغىن جەريانىدا ئوباما رۇسىيە ۋە خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورىيە كرىزىسى، جۈملىدىن شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. بۇ سۆھبەتلەردە يەنە ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى مۇمكىن. ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 6 تەرەپ سۆھبىتى ھېچ نەتىجە بەرمىگەن بولۇپ، كىم چوڭىل ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن كىم چوڭيۇننىڭ يادرو مەسىلىسىدە يەنىلا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلماقتا.