«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بىر چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى دېڭىزدا يۈرىدىغان كىچىك تىپتىكى ھەربىي بازىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ خىلدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ تىكئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە كىچىك تىپتىكى تىز يۈرەك كېمىلەرنى قوزغىلىش ۋە ھۇجۇم تەشكىللەش مەيدانى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.
ھالبۇكى دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شتابى بۇ لەيلىمە بازىنىڭ قاچان ۋە قەيەرگە قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىشنى خالىمىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى «لەيلىمە بازا»نىڭ دەرىجىدىن تاشقى تىز سۈرەتتە ياسىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.