ئامېرىكا سۈرىيىدىكى بىر ئۆكتىچى تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەردىن «سۈرىيە خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى قوللىغۇچىلار» نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.12.11

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەجلىسىنىڭ باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «سۈرىيە خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى قوللىغۇچىلار» نامىدىكى تەشكىلات ئۆزىنى قانۇنىي جەھەتتىن سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ئېنىقلانغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىشى، تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشكىلات 2011-يىلىدىن بۇيان سۈرىيىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە قارىتا 600 قېتىمدىن كۆپرەك ھۇجۇم ئېلىپ بارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.