ئامېرىكا خادىمى ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەتلەرنىڭ تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پوسنېر ئۆزىگە ئوت قويۇپ نامايىش قىلغان تىبەتلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.01


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پوسنېر ئەپەندى خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان باستۇرۇشلىرىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇلاند مۇنداق دېدى: بىز تىبەتتىكى ئەكس تەسىر بېرىۋاتقان سىياسەتلەرگە ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك، سۆز پىكرى ئەركىنلىكى، تەشكىللىنىش - جەمئىيەت قۇرۇش ئەركىنلىكىگە قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەرگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

ھالبۇكى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پوسنېر بىلەن كۆرۈشكەن تىبەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇچرىشىشنىڭ قاچان، قەيەردە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

پەقەت 11 - ئايدىلا خىتايغا نارازلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەتلەرنىڭ سانى 20 دىن ئاشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.