ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نىزامنامىسىدە خىتاينىڭ «شىنجاڭ» قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي بۇزغۇنچىلىقى تەنقىد قىلىنغان

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ فلورىدا شتاتىدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى ماقۇللىغان پارتىيە نىزامنامىسىدە خىتاي تەنقىد قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.29

نىزامنامىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قىسمىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيەت بولمىسىمۇ، ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا رايونلاردا كىشىلىك ھوقۇققا، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كىشىلەرنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن.

نىزامنامىدە يەنە، ئەگەر خىتاي تىنچلىق ۋە سۆھبەت پرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا، ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى» غا تايىنىپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. خىتاينىڭ سودىدا خەلقئارا قائىدە -تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى ۋە پۇل كۇرسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ساختىپەزلىك قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەگەر، بۇ قېتىمقى سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە، يۇقىرىقى مەسىلىلەردە خىتايغا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سەيشەنبە كۈنى، سابىق ماسساچۇسېتىس ۋالىسى مىت رومنېي جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ فلورىدا شتاتى تېمپا شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان قۇرۇلتىيىدا يېتەرلىك بېلەتكە ئېرىشىپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ئۇ،11-ئايدىكى سايلامدا دېموكراتلار نامزاتى، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىنى تالىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.