خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنى ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىدى

خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن تىبەتلەرگە قاراتقان دىنىي سىياسىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ جاكارلاپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، ئىككى نەپەر تىبەت راھىپى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزگەن دىنىي سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتايغا، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ۋە دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي كۈچ تەڭلىمىسىنى بۇزغانلىق بولمايدۇ دېگەن كۆز قارىشنىمۇ رەت قىلىپ، خىتاي ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ ياكى تەيۋەننى قوراللاندۇرۇپ خىتايدىكى مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىنى بۇزۇشىغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ، جاكارلىدى.