خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەھدىت توغرىسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.18
2009.09.18
خىتاي تەرەپ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئامېرىكا ئاخبارات دوكلاتىدىكى خىتايغا دائىر ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاساسسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ تەنقىدلىگەن.
بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچى ئىشخانىسى ئامېرىكىنىڭ 2009 - يىلدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەبئىي بايلىقلارنى ئەسەبىيلىك بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى دېنىس بلايېر بۇ ھەقتىكى بىر نۇتۇقىدا، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي بازىلىرى خىتاينىڭ زامانىۋېلىشىش تەرەققىياتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تور دۇنياسىدا "ناھايىتى ئەسەبىي" لىشىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇ چاڭمىڭ ئامېرىكىنىڭ كۆز قارىشىنى"ئاساسسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك" دەپ ئەيىبلەپ، " ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مۇداپىئە سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، بۇ جەھەتتىكى خاتا پىكىرىنى ئۆزگەرتىشى لازىم" دېگەن.
ئامېرىكا خىتاينى تەنقىد قىلغان ۋاقىت خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىدا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقان مەزگىلى ئىدى.